شەرئىي ئۆزرىسىز ھالدا سول قولدا يەپ – ئىچىش ھارام

ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە شەيخ ئىبن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ «ياخشىلار باغچىسى شەرھى»دىن «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
 *ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

سەلەمە ئىبنى ئەكۋە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا ئوڭ قولى بىلەن تاماق يېگەنىدى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا «ئوڭ قولۇڭدا يېگىن» دېدى. ئۇ ئادەم «يېيەلمەيمەن» دېۋىدى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «يېيەلمىگەيسەن» دېدى. ئۇ ئادەمنى (رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىشتىن) پەقەت كىبرى توسۇپ قويغانىدى. ئۇ ئادەم شۇنىڭدىن كېيىن ئوڭ قولىنى ئاغزىغا ئاپىرالمىدى [سەھىھۇل مۇسلىم 2021 – ھەدىس].

شەرھ:
بۇ ھەدىس ئوڭ قولدا يەپ – ئىچىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، سول قولدا يەپ - ئىچىش ھارام. شۇ ۋەجىدىن ئىنسان سول قولدا يەپ – ئىچسە گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى، ئىنسان سول قولىدا يەپ – ئىچسە شەيتان ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىغا ئوخشىۋالغان بولىدۇ. دەرۋەقە، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە شۇنداق دېگەن: «سول قولۇڭلاردا يېمەڭلار، سول قولۇڭلاردا ئىچمەڭلار. چۈنكى، شەيتان سول قولىدا يەيدۇ ۋە ئىچىدۇ» [سەھىھۇل مۇسلىم 2020 – ھەدىس].

شۇنىڭ ئۈچۈن، سول قولىدا يەپ – ئىچكەن بىراۋنى كۆرگەنلەر، چوقۇم ئۇنى ئەسكەرتىشى كېرەك. ئەمما، ئەسكەرتىشمۇ چوقۇم ئەڭ گۈزەل شەكىلدە بولۇشى لازىم. ئەگەر قارشى تەرەپ خىجىل بولۇپ قېلىشى ياكى غۇرۇرى سەۋەبلىك ئۆكتە قوپۇشى مۇمكىن بولسا، بۇ مەزمۇندا يوپۇتۇپراق گەپ قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن «بەزى قېرىنداشلار سول قولىدا يەپ – ئىچىۋاتىدۇ، ھالبۇكى بۇنداق قىلىش ھارامدۇر» دېگەندەك.

ئەگەر شۇ ئىش بولغان يەردە بىرەر ئىلىم ئەھلى بار بولسا، ئۇنىڭدىن «سول قولدا يەپ – ئىچىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟» دېگەندەك بىرەر سوئال سوراپ، سول قولدا يەپ – ئىچكۈچىنى ياندىن ئاگاھلاندۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.

بۇ جەھەتتىكى يەنە بىر مەسىلە: بەزى بايلار باركى، تاماقنى ئوڭ قولىدا يەيدۇ. ئەمما، تاماق يەۋېتىپ بىرەر نەرسە ئىچمەكچى بولسا، سول قولىدا ئىچىدۇ. شۇنداقلا، بۇ ئىشىغا «تاماق يېگەن قولىمىزدا ئىستاكاننى تۇتساق، ئىستاكان مايلىشىپ كېتىدىكەن» دەپ باھانە كۆرسىتىشىدۇ. بۇنداق ئادەملەرگە دەيمىزكى، «بۇ ئۇنداق ئاددىي مەسىلە ئەمەس. ئەگەر ئوڭ قولدا يەپ – ئىچىش ۋاجىب بولماي، مۇستەھەب بولغان بولسا ئىدى، سول قولدا يەپ – ئىچىش گۇناھ ئەمەس دېسەك بولاتتى. ئەمما، سول قولدا يەپ – ئىچكۈچى (رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنماي) ئاسىي بولغان بولىدۇ. چۈنكى، بۇ قىلمىشى ھارامدۇر. ھارام بولغان بىر ئىش پەقەت شەرئىي زۆرۈرىيەت بولغان ئەھۋالدىلا مۇباھ بولىدۇ. ئىستاكاننىڭ مايلىشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى شەرئىي ئۆزرە ئەمەس».
بوپتۇ، ئىستاكان راستلا مايلىشىپ كەتتىمۇ دەيلى، مايلاشسا نېمە بولىدۇ؟ ھەققە ئەگىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئادەمگە نىسبەتەن ئىستاكاننىڭ مايلىشىشى ھېچقانچە مەسىلە ئەمەس. پەقەت تەكەببۇر، ھاكاۋۇر، شەيتان ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىغا ئەگىشىدىغان كىشىلەرلا بۇنىڭغا باشقىچە قارايدۇ.


ئەللامە شەيخ ئىبن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ «ياخشىلار باغچىسى شەرھى» غۇرابا نەشرىياتى نەشرى 2- باسما 3 – جىلىد 161 ~ 162 – بەت.

*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟