نامەھرەم ئاياللارغا بىر قېتىم قاراپ قېلىش ۋە ئىككىنچى قېتىم قاراشنىڭ ھۆكمى
ئىسلام
سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 1774 – نومۇرلۇق پەتىۋا
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
سوئال:
نامەھرەم ئاياللارغا قاراشنىڭ تامامەن ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئەمما، گاھىدا
بىر ئايالغا مەقسەتسىز قاراپ قالسام، بۇ قارىشىم بىر – ئىككى سېكۇنت داۋاملىشىپ
قالىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ (نامەھرەملەرگە قارىماسلىق ھەققىدىكى) بۇيرۇقىنى
يادىمغا ئالىمەن – دە، دەرھال كۆزۈمنى باشقا ياققا بۇرىۋالىمەن. سوئالىم شۇكى،
بىراۋ ئاياللارغا شۇ بىر – ئىككى سېكۇنت قاراپ تۇرۇپ قالغانلىقى سەۋەبلىك گۇناھكار
بولامدۇ؟
يۈسۈپ قەرداۋىي «ئىسلامدىكى
ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىدا، قۇرئاندا نامەھرەملەرگە قاراشتىن ساقلىنىشقا
بۇيرۇلغان دەپتۇ - يۇ، ئەمما نامەھرەملەرگە قاراشنى (مەنە دائىرىسىنى تارايتىپ) «كۆزلەرنىڭ
ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىگە قاراشتىن ھۇزۇر ئېلىشى ياكى ئاياللارغا قاراپ شەھۋەتلىك
خىياللارنى قىلىش» دەپ ئىزاھلاپتۇ، بۇ گەپ توغرىمۇ؟
ئاللاھقا
ھەمدۇلار بولسۇنكى، مەن بۇ دەرىجىگە (يەنى شەھۋەتكە چۈشۈپ قېلىش دەرىجىسىگە) پەقەت بېرىپ باقمىدىم.
ئەمما، مەن (ئاياللارغا قاراپ تۇرۇپ قالغان) شۇ ئىككى سېكۇنت تۈپەيلى، بىئاراملىق
ۋە بېسىم ھېس قىلىمەن. بۇ ھەقتە ماڭا تەلىم بەرسىلە، ئاللاھ تائالا ماقاملىرىنى
ئۈستۈن قىلسۇن.
جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.
جەرىير
ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن نامەھرەم ئاياللارغا مەقسەتسىز قاراپ
قېلىش ھەققىدە سورىغانىدىم، ئۇ كۆزۈمنى دەرھال (باشقا ياققا) بۇرىۋېلىشىقا بۇيرىدى.
[سەھىھۇل مۇسلىم 2159 – ھەدىس].
ھەدىستىن
مەلۇمكى، بىرىنچى قېتىم مەقسەتسىز قاراپ قېلىش ئىنساننىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن
بولمايدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئىنسان بۇ قاراپ قېلىشتا ئۆزرىلىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما،
(دەرھال كۆزىنى بۇرىۋالماي) قاراۋەرسە گۇناھكار بولىدۇ. [تەرجىماندىن
ئىلاۋە: بۇ يەردە شۇ نەرسىنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، ھەدىستىكى «مەقسەتسىز قاراپ قېلىش»
دېگەندە، ئادەم يولدا ماڭغاندا، تۇيۇقسىز ئالدىدىن بىرەر ئايال كىشى چىقىپ قالغانغا
ئوخشاش ساقلانغىلى بولمايدىغان ئەھۋاللار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئەمما، ئەتراپتا نامەھرەم ئايال
كىشى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇيان – بۇيان تىمسىقلاپ قاراپ، «بىر قېتىم قاراشقا
رۇخسەت» دېيىش ئازغۇنلۇقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىلىرىدىندۇر، ئاللاھتىن قورقايلى].
دەرۋەقە
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە شۇنداق دېگەن: {قُل لِّلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ
وَيَحْفَظُوا فُرُوجَهُمْ ۚ ذَٰلِكَ
أَزْكَىٰ لَهُمْ ۗإِنَّ اللَّـهَ خَبِيرٌ بِمَا يَصْنَعُون} «مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، كۆزلىرىنى (نامەھرەملەردىن ۋە
شۇنىڭدەك بارلىق ھارام نەرسىلەردىن) تۆۋەن قىلسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن)
ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ
قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر» [سۈرە نۇر 30 – ئايەت].
ئىبنى
بۇرەيدە دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلىي رەزىياللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن: «يَا عَلِيُّ! لا تُتْبِعِ النَّظْرَةَ النَّظْرَةَ؛ فَإِنَّ لَكَ الْأُولَى،
وَلَيْسَتْ لَكَ الآخِرَةُ» «ئى ئەلىي! (نامەھرەم ئايالغا) بىر
قاراشقا يەنە بىر قاراشنى ئەگەشتۈرمە! (يەنى بىر قاراپ قالغاندىن كېيىن تەكرا
قارىما!) چۈنكى، بىرىنچى قېتىمقى (تاسادىپىي قاراش) سېنىڭ ھەققىڭ (يەنى بۇ
تاسادىپىي قاراپ قېلىش سەۋەبلىك ساڭا گۇناھ يېزىلمايدۇ)، ئەمما، ئىككىنچى قېتىم
قاراش ھەققىڭ ئەمەس (يەنى بۇنىڭ ئۈچۈن ساڭا گۇناھ يېزىلىدۇ)» [ئىمام ئەھمەد، ئىمام
ئەبۇداۋۇد (2149 – ھەدىس). ئىمام تىرمىزى، ئىمام دارىمى رىۋايەت قىلغان. شەيخ
ئەلبانى «سەھىھۇلجامى» 7953 – نومۇردا ھەسەن دېگەن، جەمىئۇلفەۋائىد 4351 - ھەدىس].
دېمەك،
يۇقىرىقى دەلىللەردىن نامەھرەم ئايالغا قەستەن قاراش ياكى تاسادىپىي قاراپ
قالغاندىن كېيىن (كۆزىنى بۇرىۋالماستىن) داۋاملىق قاراۋېرىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى
سىزگە ئايدىڭ بولدى.
شۇ ۋەجىدىن،
سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە (سىز قارىغان شۇ ئايال) گۈزەل بولسۇن – بولمىسۇن، سىز شۇ ئىككى
سېكۇنتلىق قاراش سەۋەبلىك شەھۋەتلىنىڭ ياكى شەھۋەتلەنمەڭ، شۇ قاراش سەۋەبلىك
كاللىڭىزغا ناچار خىياللار كەلگەن بولسۇن – بولمىسۇن، شۇ قاراش (چوڭ) زىناغا سەۋەب
بولسۇن – بولمىسۇن، نامەھرەم بىر ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ھەرقانداق بىر يەرگە قاراش
قەتئىي دۇرۇس ئەمەس.
ئاللاھ
تائالا بىزنى ۋە سىزنى ھەر تۈرلۈك ھاراملاردىن ساقلىسۇن. چۈنكى، توغرا يولغا
باشلىغۇچى پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھتۇر.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.