جازانە مۇئامىلىسى قىلىدىغان بانكىغا پۇل قويۇش ھارام. بانكا ئۆسۈمسىز بولغان تەقدىردىمۇ، بانكىغا پۇل قويۇشتا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك.

ئېھتىياتنى نەزەردە تۇتقاندا، بىر مۇسۇلمان زۆرۈرىيەت بولمىغان ئەھۋالدا، (بانكا جازانە قىلمايمىز دېگەن ۋە قويغان پۇلىغا) ئۆسۈم چىقمىغان تەقدىردىمۇ، پۇلىنى بانكىغا قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى، بانكىغا پۇل قويغاندا، بەزىدە مەقسەتسىز ھالدا بانكىنىڭ گۇناھى ۋە زۇلۇمىغا ياردەم قىلىپ قالىدىغان ئىش بولىدۇ.

ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى ئەللامە شەيخ بىن باز پەتىۋالىرى 19 - جىلىد 151 - بەت.

* تەرجىماندىن ئىلاۋە: جازانە مۇئامىلىسى قىلىدىغان بانكىغا پۇل قويۇش ھارام.
ئەگەر بانكىلار جازانە قىلمايمىز دېگەن تەقدىردىمۇ، كۆپ قىسىم بانكىلار جازانە بىلەن تىجارەت قىلىشنىڭ ھاراملىقىغا سەل قاراۋاتقان ۋە كىشىلەر قويغان پۇللارنى بەزى ناتوغرا ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىۋاتقان بولغاچقا، بۇنداق بانكىلارغا پۇل قويۇش ئۇلارغا ياردەم قىلىش خاراكتېرىنى ئېلىپ قالىدۇ.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟