جۈمە كېچىسى (پەيشەنبىدىن جۈمەگە كىرىدىغان كېچە) ۋە جۈمە كۈندۈزى سۈرە كەھفنى ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم مۇنداق دېگەن: «كىمكى جۈمە كېچىسى كەھف سۈرىسىنى تىلاۋەت قىلسا، ئۆزى بىلەن كەبە ئارىسى ئۇزۇنلىقىدا نۇردىن يورۇقلۇق ئاتا قىلىنىدۇ» [ھاكىم ۋە بەيھەقى رىۋايىتى. دارىمىي رىۋايىتى3407-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھۇل جامى 6471-ھەدىستە سەھىھ دېگەن].
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم مۇنداق دېگەن:«كىمكى جۈمە كۈنى كەھف سۈرىسىنى ئوقۇسا، ئىككى جۈمە ئارىسىدا ئۇنىڭغا نۇردىن يورۇقلۇق ئاتا قىلىنىدۇ» [ھاكىم رىۋايىتى (2399). بەيھەقىي رىۋايىتى (3249)]. ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ "تەخرىيجۇل ئەزكار" ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەدىسنى"ھەسەن" ھەدىس دېيىش بىلەن بىرگە، كەھف سۈرىسى ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا كەلگەن ئەڭ كۈچلۈك ھەدىس دېگەن. [پەيزۇل قەدىر ناملىق ئەسەر 6-توم 198-بەتكە قارالسۇن]. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 6470 -نومۇرلۇق ھەدىستە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.