ئىسلام دەۋىتى يېتىپ بارماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ھۆكمى

ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە بىن باز (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي) پەتىۋالار توپلىمى 3 – جىلىد 125 – بەت.
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

سوئال: دۇنيادا ئىسلام دەۋىتى يېتىپ بارمىغان مىلىيونلىغان كىشى بار. (ئەگەر ئۇلار شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە) ئۇلارنىڭ دىندىكى ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ ئۇلار دوزاخقا مەھكۇممۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئىسلام دەۋىتى يېتىپ بارمىغان ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ گۇناھى نېمە؟ ياكى ئۇلار جەننەتكە كىرەمدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇلار ئاللاھ ئۆزلىرىگە ۋاجىب قىلغان ئەمەللەرنى قىلماي تۇرۇپ قانداق جەننەتكە كىرەلەيدۇ؟ بۇ جەھەتتە تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىشلىرىنى سورايمەن. ئاللاھ سىلىگە ئەڭ كاتتا مۇكاپات ئاتا قىلغاي.

جاۋاب: (ئىسلام دەۋىتى يېتىپ بارمىغان) بۇ كىشىلەر ھەققىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قاراش شۇكى، بۇلار قىيامەت كۈنى سىنىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغانلار جەننەتكە، بويسۇنمىغانلار دوزاخقا كىرىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ «وَمَا كُنَّا مُعَذِّبِينَ حَتَّىٰ نَبْعَثَ رَسُولًا» (پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ ھېچبىر ئادەمنى جازالىغىنىمىز يوق) [سۈرە ئىسرا 14 – ئايەت] دېگەن سۆزى بىلەن بىردەكتۇر.
ئەللامە ئىبن قەييىم (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي) «طريق الهجرتين» (ئىككى ھىجرەت يولى) دېگەن كىتابىنىڭ ئاخىرقى بابىدا مۇكەللەف (قىلمىشلىرىدىن سورىلىش شەرتىنى ھازىرلىغان؛ قىلمىشلىرىدىن سورىلىدىغان) كىشىلەر ھەققىدە توختىلىش جەريانىدا بۇ مەزمۇننى ئىنتايىن تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن. تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتقا قىزىققۇچىلار شۇ كىتابقا مۇراجىئەت قىلسا بولىدۇ. ئاللاھتىن تەۋپىق تىلەيمىز.

*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

تەرجىماندىن ئىلاۋە: ئۇستازىمىز بۇ پەتىۋاسىدا قەيت قىلغان كۈچلۈك قاراش تۆۋەندىكى ھەدىسلەرگە ئاساسلانغاندۇر:
1. ئەسۋەد ئىبنى سەرىئ، ئەبۇ ھۇرەيرە (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن)دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «تۆت تۈرلۈك ئىنسان قىيامەت كۈنى (مۇسۇلمان ئەمەس ھالەتتە ئۆلگەنلىكى ھەققىدە) ئاللاھقا ئۆزرە بايان قىلىدۇ. (بۇلار) (1) ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمىغان گاس (2) ئەخمەق (ساراڭ) ئادەم (3) (ئەقلىنى يوقاتقۇدەك دەرىجىدە) بەك قېرىپ كەتكەن ئادەم (4) پەيغەمبەر ئۈزۈلۈپ قالغان دەۋردە ئۆلگەن ئادەم.
ھېچنېمىنى ئاڭلىمىغان گاس مۇنداق دەيدۇ: «رەببىم، ئىسلام كەلگەندە مەن ھېچنەرسىنى ئاڭلىيالمايتتىم».
ئەخمەق (ساراڭ) ئادەم: «رەببىم، ئىسلام كەلگەندە بالىلار ماڭا تۆگە مايىقى ئېتىپ ئوينايتتى» دەيدۇ.
(ئەقلىنى يوقاتقۇدەك دەرىجىدە) بەك قېرىپ كەتكەن ئادەم: «رەببىم، ئىسلام كەلگەندە ھېچنەرسىگە ئەقلىم ئىشلىمەس بولۇپ قالغانىدىم» دەيدۇ.
پەيغەمبەر ئۈزۈلۈپ قالغان دەۋردە ئۆلگەن ئادەم: «رەببىم، ماڭا سەن تەرەپتىن بىر پەيغەمبەر كېلىپ باقمىدى» دەيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن، ئاللاھ ئۇلاردىن (ئەگەر ئۆزلىرىگە پەيغەمبەر كەلسە) چوقۇم ئىتائەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە ئالىدۇ ۋە ئارقىدىن ئۇلارغا بىر پەرىشتىنى ئەۋەتىدۇ. پەرىشتە ئۇلارغا: «ئوتقا كىرىڭلار» دەيدۇ. مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئۇلار ئۇ ئوتقا كىرسە، ئوت ئۇلارغا سالقىن ۋە سالامەت بولۇپ بېرىدۇ».
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «كىم ئۇ ئوتقا كىرسە، ئوت ئۇنىڭ ئۈچۈن سالقىن ۋە سالامەت بولىدۇ. كىم (بۇيرۇققا ئىتائەت قىلماي) ئوتقا كىرمىسە، سۆرەلگەن پېتى ئۇنىڭغا تاشلىنىدۇ (شۇنىڭ بىلەن سىناقتىن ئۆتەلمىگەن بولىدۇ)».
ئىمام ئەھمەد ۋە ئىبنى ھىببان رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئەلبانى «سەھىھۇلجامىدا (881– ھەدىس) سەھىھ دېگەن.

ئەنەس، ئەبۇ سەئىد ۋە باشقا ساھابە رەزىياللاھۇ ئەنھۇم لار رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:

«قىيامەت كۈنى (بالاغەتكە يەتمەي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەن) بالا، ساراڭ، پەيغەمبەر كەلمىگەن دەۋردە ياشاپ ئۆتكەن ئادەم ۋە (بىر نەرسىنى ئاڭقىرالمىغۇدەك دەرىجىدە) بەكلا قېرىپ كەتكەن كىشىدىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك ئادەم (ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا) ئېلىپ كېلىنىدۇ. ئۇلار ھەممىسى (ئۆزلىرىگە دەۋەت يېتىپ كەلمىگەنلىكى ھەققىدە) ئۆزرىلىرىنى بايان قىلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، رەب (ئاللاھ) تبارك وتعالى دوزاختىن بىر بويۇن[1]غا <چىق!> دەيدۇ ۋە ئۇلارغا (يەنى يۇقىرىدىكى تۆت تۈرلۈك كىشىگە): <ھەقىقەتەن مەن بەندىلىرىمگە ئۇلارنىڭ ئۆز ئىچىدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتەتتىم. بۈگۈن مەن سىلەر ئۈچۈن ئۆزۈم ئەلچىمەن. بۇنىڭغا (يەنى يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان دوزاخ ئوتىدىن بولغان بويۇنغا) كىرىڭلار> دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بەخىتسىزلىكى پۈتۈلۈپ كەتكەنلەر: <ئى رەببىمىز! بىز بۇنىڭدىن (دوزاختىن) قېچىپ يۈرگەن تۇرساق، نېمىشقا بۇنىڭغا كىرىمىز؟> دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تبارك وتعالى <سىلەر (دۇنيا ھاياتىدا يېنىڭلارغا ئەلچىلىرىم كەلگەن بولسا) ئەلچىلىرىمنى تېخىمۇ قاتتىق ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا تېخىمۇ قاتتىق ئىتائەتسىزلىك قىلغان بولاتتىڭلار> دەيدۇ. بەختلىك بولۇشى پۈتۈلگەنلەر بولسا، يۈگۈرگىنىچە ئۇ ئوتقا كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، (ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن ئوتقا كىرگىلى ئۇنىمىغان) باشقىلار بولسا دوزاخقا كىرىدۇ» [ئىمام ئەبۇ يەئلا، ئىمام بەغاۋى ۋە باشقىلار توپلىغان. شەيخ ئەلبانى «ئەسسەھىھە» 1434 -، 2468 – نومۇردا سەھىھ دەپ باھالىغان].


[1] ھەدىسنىڭ ئەسلى مەتنىدە «بويۇن، گەردەن» مەنىلىرىدىكى «عنق» كەلىمىسى بار. بۇنىڭ ھەقىقىي كەيپىياتىنى رەببىمىز ئۆزى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. 


*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟