ساھابىلەر بىدئەتتىن مۇنداق يىرگىنەتتى
شەيخ سەلىم ھىلالىنىڭ «بىدئەتنىڭ ئۇممەتكە سالغان زىيانلىرى» دېگەن كىتابىدىن «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
ئامىر ئىبنى سەلەمەنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بامدات نامىزىدىن ئىلگىرى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ بوسۇغىسىدا ئولتۇراتتۇق. شۇ ۋاقىتتا ئەبۇمۇسا ئەشئەرى رەزىياللاھۇ ئەنھۇ يېنىمىزغا كەلدى ۋە: «ئەبۇ ئابدۇراھمان (ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ كۇنيەسى) تېخىچە چىقمىدىمۇ؟» دېدى. بىز «ياق» دېدۇق.

ئابدۇللاھ
ئىبنى مەسئۇد رەزىياللاھۇ ئەنھۇ يېنىمىزغا چىققانغا قەدەر ئەبۇمۇسا
ئەشئەرى رەزىياللاھۇ ئەنھۇمۇ بىز بىلەن بىللە ساقلىدى. ئابدۇللاھ
ئىبنى مەسئۇد رەزىياللاھۇ ئەنھۇ چىققاندا ھەممىمىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ
ئۇنىڭغا يېنىغا باردۇق. ئەبۇمۇسا رەزىياللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: «ئەبۇ
ئابدۇراھمان! مەن بايا مەسجىدتە ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان بىر ئىشنى كۆردۈم ۋە ئاللاھقا
ھەمدلەر بولسۇنكى، بۇنى ياخشىلىق دەپلا ئويلاۋاتىمەن» دېدى.
«نېمە
ئىشكەن ئۇ؟» دېدى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىياللاھۇ ئەنھۇ.
«ھاياتلا
بولساڭ كۆرىسەن. مەن مەسجىدتە ھەلقە – ھەلقە (چەمبىرەك شەكلىدە) ئولتۇرۇپ نامازنى
ساقلاۋاتقان كىشىلەرنى كۆردۈم. ھەر ھەلقىدە قولىدا تاش تۇتقان بىر ئادەم بار، ئۇ
ئادەم: «100 قېتىم تەكبىر ئېيتىڭلار» دېسە، ھەلقىدىكىلەر 100 قېتىم تەكبىر ئېيتتى.
«كەلىمە تەۋھىدنى 100 قېتىم ئېيتىڭلار» دېسە، كىشىلەر 100 قېتىم كەلىمە تەۋھىد
ئېيتتى. «100 قېتىم تەسبىھ ئېيتىڭلار» دېۋىدى، كىشىلەر 100 قېتىم تەسبىھ ئېيتتى».
ئابدۇللاھ
ئىبنى مەسئۇد رەزىياللاھۇ ئەنھۇ: «ئۇلارغا نېمە دېدىڭ؟»
دېدى.
ئەبۇ
مۇسا رەزىياللاھۇ ئەنھۇ: «سېنىڭ پىكرىڭنى ياكى بۇيرۇقىڭنى كۈتۈپ،
ھېچنەرسە دېمىدىم» دېدى.
«(شۇنى
قىلغاننىڭ ئورنىغا) بەزى ياخشى ئەمەللىرىڭلارنىڭ بىكار بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن
قىلغان يامان ئەمەللىرىڭلارنى ساناڭلار! دېمىدىڭمۇ؟» دېدى ۋە (مەسجىدكە قاراپ)
ماڭدى. بىزمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدۇق. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىياللاھۇ ئەنھۇ ھېلىقى ھەلقىلەردىن بىرىگە كەلدى ۋە «نېمە بۇ قىلىۋاتقىنىڭلار؟»
دېدى.
«ئى
ئەبۇ ئابدۇراھمان! بۇلار تەكبىر، تەھلىل (لا ئىلاھە ئىللەللاھ)، تەسبىھ ئېيتىشتا
ئىشلىتىدىغان تاشلىرىمىز» دېدى.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىياللاھۇ ئەنھۇ: «(بۇنى
سانىغاننىڭ ئورنىغا) گۇناھلىرىڭلارنى ساناڭلار! شۇنداق قىلساڭلار مەن ھېچبىر ياخشى
ئەمەلىڭلارنىڭ بىكار بولۇپ كەتمەسلىكىگە كاپالەت بېرىمەن. ئۇۋال سىلەرگە ئەي
مۇھەممەد ئۇممىتى! نېمانچە تېز ھالاكەتكە يۈزلەندىڭلار ھە؟! رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ھېلىھەم
ئاراڭلاردا. (رەسۇلۇللاھنىڭ) كىيىملىرى تېخى چىرىپ كەتكىنى، ئىشلەتكەن قاچىلىرى
تېخى سۇنۇپ كەتكىنى يوق. جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، يا سىلەر
مۇھەممەد ﷺ نىڭ يولىدىنمۇ بەكرەك توغرا بىر يولنى
تاپتىڭلار، يا بولمىسا ئازغۇنلۇقنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىڭلار» دېدى.
ئۇلار «ئاللاھ
بىلەن قەسەمكى، ئى ئەبۇ ئابدۇراھمان! بىز بۇ ئارقىلىق پەقەت ياخشىلىقنىلا نىيەت
قىلدۇق» دېيىشتى.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىياللاھۇ ئەنھۇ «ياخشىلىقنى
نىيەت قىلىدىغان، ئەمما مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. رەسۇلۇللاھ ﷺ بىزگە: <قۇرئان ئوقۇيدىغان، ئەمما (ئوقۇغىنى) گېلىدىن
ئۆتمەيدىغان (يەنى قەلبىگە كىرمەيدىغان) ئىنسانلار> ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەنىدى.
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئېنىق جەزم قىلالمايمەن - يۇ، ئەمما ئويلايمەنكى، شۇ
ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى سىلەردىندۇر» دېدى ۋە ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ كەتتى.
ئامىر
ئىبنى سەلەمە مۇنداق دەيدۇ: «شۇ ھەلقەلەردىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى نەھراۋان كۈنى
خاۋارىجلار بىلەن بىرلىكتە بىزگە قارشى ئۇرۇش قىلغان ھالەتتە كۆردۇق».
(دارىمى
«سۇنەن»دە، 69-68\1؛ باھشەل «تارىخ ۋاسىت»تا، 188 ~ 189 – بەتتە ئامىر ئىبنى يەھيا
ئىبنى ئامىر ئىبنى سەلەمەدىن كەلگەن ئىككى سەنەد ئارقىلىق رىۋايەت قىلغان. ئەمىر
ئىبن يەھيا بۇ سەنەد ھەققىدە: «دادامنىڭ دادىسىدىن شۇنداق رىۋايەت قىلغىنىنى
ئاڭلىدىم» دەپ يۇقىرىقى ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان. مۇئەللىپ سەلىم ھىلالى بۇ ھەدىسنى
سەھىھ دېگەن).