كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ساقالنى كامىل قويمىغۇچى ئېغىر گۇناھكاردۇر
سەئۇدىي
ئىلمىي تەتقىقات – دائىمىي پەتىۋا كومىتېتىنىڭ 6290 – نومۇرلۇق پەتىۋاسىدىكى 2 –
سوئال:
سوئال: سەييىد
قۇتۇپ ۋە «فىقھۇل سىيرەت»نىڭ مۇئەللىپى مۇھەممەد غەززالىغا ئوخشاش ئىسلامغا ھەسسە
قوشقان بەزى كىشىلەر ساقىلىنى كەسكەن (قىرغان). ئەجابا، سىلەرچە بۇ كىشىلەر رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساقالنى كامىل قويۇپ، بۇرۇتنى قىرقىشقا بۇيرۇغانلىقىنى
بىلمەمدۇ؟ ياكى ئۇلار مۇشۇنداق گۇناھ ئۆتكۈزسە بولامدۇ؟
جاۋاب: بارچە
ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر. دۇرۇد – سالاملار ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە بولغاي.
پەيغەمبەر
سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ئادەم بالىسىنىڭ ھەممىسى خاتالاشقۇچى،
خاتالاشقۇچىنىڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچى» دېگىنىدەك، ئىنسان، جۈملىدىن ئالىملارمۇ
ئازىدۇ. ئۇلار خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس. سىز ئىسمىنى تىلغا ئالغانلار ساقالنى كامىل
قويۇشنىڭ ۋاجىبلىقى، ساقال(نى تۇتامدىن تۆۋەن) كېسىشنىڭ ھاراملىقى، بۇرۇتنى قىرقىش
لازىملىقى ھەققىدىكى ھەدىسنى بىلەتتى. ھالبۇكى، ئۇلار مەيلى بۇ ھەدىسلەرنىڭ
مەزمۇنىنى تەئۋىل قىلغانلىق سەۋەبلىك نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ كەتكەن بولسۇن، ياكى
باشقا سەۋەبلەردىن بولسۇن، بۇ ھەدىسلەرگە قارشى يول تۇتقان. قانداق بولۇشىدىن
قەتئىينەزەر، ئۇلار ساقىلىنى كەسكەنلىكى سەۋەبلىك گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا،
ئىلىم يېيىش ۋە ھەققە ياردەم قىلىش جەھەتتىكى ئەمەللىرى سەۋەبلىك ياخشىلىق قىلغۇچى
ھېسابلىنىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئۇلار ياخشىلىققا گۇناھنى ئارىلاشتۇرۇپ قىلغۇچىلاردىن
سانىلىدۇ. ئاللاھتىن ئۇلارنى مەغفىرەت قىلىشىنى تىلەيمىز.
تەۋپىق
ئاللاھتىن. دۇرۇد – سالاملار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ
ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە بولغاي.
پەتىۋا بەرگۈچى
ئالىملار: ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز
ئابدۇرازاق
ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبن قائۇد؛ ئابدۇللاھ ئىبن غۇدەييان.