ئەقىقە توغرىسىدا ئىككى ھەدىس
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى
ئۇنۇتماڭ.
عن أم كرز
أنها سألت رسول الله صلى الله عليه وسلم عن العقيقة فقال : (عن
الغلام شاتان ، وعن الأنثى واحدة ، لا يضركم ذكراناً أم إناثاً )
.
رواه
الترمذي ( 1516 ) وقال : هذا حديث حسن صحيح ، والنسائي ( 4217 ) ، وصححه الشيخ
الألباني في " إرواء الغليل " ( 4 / 391 )
ئۇممۇ
كاراز رەزىياللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمدىن ئەقىقە توغرىسىدا سورىغاندا، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
"ئوغۇل بالا ئۈچۈن ئىككى قوي، قىز بالا ئۈچۈن بىر قوي (ئەقىقە قىلىنىدۇ)، قوي
ئەركەك بولسىمۇ، چىشى بولسىمۇ بولۇۋېرىدۇ" دېگەن.
ئىمام
تىرمىزى (1516) رىۋايەت قىلغان ھەم "بۇ ھەدىس ھەسەن سەھىھ" دېگەن. ئىمام
نەسائىي (4217) رىۋايەت قىلغان. ئىمام
ئەلبانى "ئىرۋائىل غەلىيل"دە سەھىھ دېگەن (4/391).
وَعَنْ عَائِشَةَ رَضِيَ اَللَّهُ
عَنْهَا: { أَنَّ رَسُولَ اَللَّهِ - صلى الله عليه وسلم -أَمْرَهُمْ; أَنْ
يُعَقَّ عَنْ اَلْغُلَامِ شَاتَانِ مُكَافِئَتَانِ, وَعَنْ اَلْجَارِيَةِ شَاةٌ }
رَوَاهُ اَلتِّرْمِذِيُّ وَصَحَّحَه ُ (1780) .[ رواه الترمذي وقال: حسن
صحيح وابن ماجه وصححه الألباني في صحيح الترمذي ]
ئائىشە ئانىمىز رەزىياللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ
سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەقىقە ھەققىدە شۇنداق دېگەن: "ئوغۇل ئۈچۈن (ياش
ۋە سۈپەت جەھەتتە) ئوخشاش ئىككى قوي، قىز ئۈچۈن بىر قوي (ئەقىقە قىلىنىدۇ)"
[ئىمام تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان، ئىمام ئەلبانى سەھىھ دېگەن].