ھەر نامازنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇلىدىغان مۇھىم دۇئا

مۇئاز رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «ئى مۇئاز! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن. ئاندىن ساڭا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى، ئەي مۇئاز! سەن ھەر نامازنىڭ ئاخىرىدا: «اللَّهُمَّ أَعِنِّي عَلَى ذِكْرِكَ وَشُكْرِكِ وَحُسْنِ عِبَادَتِكِ» (ئى ئاللاھ سىلىنى زىكرى قىلىشىمغا، سىلىگە شۈكرى قىلىشىمغا، سىلىگە گۈزەل رەۋشتە ئىبادەت قىلىشىمغا ياردەم قىلسىلا!) دېيىشنى تەرك ئەتمە» دېگەن. [ياخشىلار باغچىسى 384 – ھەدىس؛ ئىمام ئەبۇداۋۇد (1522)؛ ئىمام نەسائى (1303) رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئەلبانى سەھىھ دەپ باھالىغان].



ئەللامە شەيخ ئىبن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ھەدىستىكى ھەر نامازنىڭ ئاخىرىدا «اللَّهُمَّ أَعِنِّي عَلَى ذِكْرِكَ وَشُكْرِكِ وَحُسْنِ عِبَادَتِكِ» (ئى ئاللاھ سىلىنى زىكرى قىلىشىمغا، سىلىگە شۈكرى قىلىشىمغا، سىلىگە گۈزەل رەۋشتە ئىبادەت قىلىشىمغا ياردەم قىلسىلا!) دېيىشنى تەرك ئەتمە» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: «ھەر نامازنىڭ ئاخىرىدا، سالام بېرىشتىن ئىلگىرى بۇ دۇئانى قىلىشنى ئۇنۇتما» دېگەنلىكتۇر. [«ياخشىلار باغچىسى شەرھى» تۈركچە نەشرى 2 – جىلىد 491 – بەت].

*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟