«سەھىھۇل جامى»دىكى ساقال توغرىسىدىكى ھەدىسلەر
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
207. ئىبنى
ئۆمەر، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: «بۇرۇتنى قىرقىپ، ئېلىپ تۇرۇڭلار، ساقالنى كامىل
قويۇڭلار» [ئىمام مۇسلىم، ئىمام نەسەئى، ئىمام تىرمىزى، ئىمام ئىبنى ئەدلى توپلىغان. سەھىھ].
1067. ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: «بۇرۇتنى قىرقىپ، ساقالنى كامىل قويۇڭلار. ئاق چاچ - ساقاللارنى
بويىساڭلار بولىدۇ، لېكىن يەھۇدىي، ناسارالارغا قەتئىي ئوخشىۋالماڭلار». ئىمام ئەھمەد
توپلىغان، سەھىھ.
2520. ئىبنى ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت
قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: «بۇرۇتنى
قىرقىپ تۇرۇڭلار، ساقالنى بولسا كامىل قويۇڭلار» [ئىمام ئەھمەد(5716)، ئىمام بۇخارى (5443)، ئىمام مۇسلىم
(381)، ئىمام تىرمىزى (2688)، ئىمام نەسەئى (12)، ئىمام ئەبۇ داۋۇد (3667) قاتارلىقلار
رىۋايەت قىلغان].
3092. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ
ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن:
«مەجۇسىيلارغا قارشى يول تۇتۇپ، بۇرۇتلارنى ئېلىپ تۇرۇڭلار، ساقالنى كامىل قويۇڭلار».
ئىمام مۇسلىم توپلىغان.
3125. ئەنەس
رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: «ئۈممىتىمدىن (ساقاللىرىغا، پۇت – قوللىرىنىڭ بارماقلىرىغا) سۇ يەتكۈزگۈچىلەر
(خىلال قىلغۇچىلار) نېمىدېگەن ياخشى ھە!» ئىبن ئەساكىر توپلىغان، سەھىھ.
3209. ئىبن
ئۇمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: «مۇشرىكلارغا قارشى يول تۇتۇپ، بۇرۇتنى قىرقىپ، ساقالنى تولۇق،
كامىل قويۇڭلار» بەيھەقى توپلىغان، سەھىھ.
يۇقىرىقىغا ئوخشاش، رەسۇلۇللاھنىڭ ساقال توغرىسىدىكى تەكرار - تەكرار كۆرسەتمىلىرى تۇرغان يەردە، «ساقال مەسىلىسى ئۇششاق - چۈششەك مەسىلە» دېگۈچى «رەسۇلۇللاھ ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارنى تەكىتلىگەن»، «رەسۇلۇللاھ ئۇششاق گەپ قىلغان» دېگۈچى بولۇپ، بۇنداق قەبىھ سۆزلەردىن ئاللاھقا سېغىنىمىز. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھەقنى بىلگەن ھامان ئەمەل قىلىدىغان ياخشى بەندىلىرىدىن قىلغاي!
ئەللامە شەيخ ئىبن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ «فەتەۋا ئەركانۇل ئىسلام» دېگەن ئەسىرىدىكى 116 - سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا ساقال ھەققىدە شۇنداق دېگەن: «ساقال قويۇش مەسىلىسىگە
كەلسەك، شەكسىزكى ساقالنى (سۈننەتتە بۇيرۇلغاندەك) ئۆستۈرۈش ئىبادەتتۇر،
چۈنكى پەيغەمبەر ﷺ بۇنىڭغا (ساقالنى كامىل قويۇشقا) بۇيرۇغان. پەيغەمبەر ﷺ بۇيرۇغان ھەربىر ئىش
كىشىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىبادەتتۇر».