سەجدىدە دۇئا قىلغاندىمۇ رەسۇلۇللاھ ﷺ غا دۇرۇد يوللاش كېرەكمۇ؟
ئىسلام سوئال –
جاۋابلىرى تورىدىكى 4804 – نومۇرلۇق پەتىۋا
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
سوئال: پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد ئېيتىشنىڭ دۇئا
قىلىشتىكى شەرتلەردىن ئىكەنلىكى ۋە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد
يوللىمىغۇچە دۇئانىڭ ئاسماندا توختىتىپ قويۇلىدىغانلىقى مەلۇم. بۇ ئومۇمىي ھۆكۈممۇ؟
بىر ئادەم سەجدىدىكى ۋاقتىدا دۇئا قىلماقچى بولسىمۇ، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمگە دۇرۇد يوللىشى كېرەكمۇ؟
جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.
ئىسلامىي ئۆگۈتلەرگە كۆرە، دۇئا ئادەتتىكى دۇئا ۋە خاس دۇئا دەپ ئىككىگە
ئايرىلىدۇ.
ئادەتتىكى دۇئا دېگىنىمىز دۇئا قىلغۇچى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن مۇئەييەن
ئورۇن ۋە ۋاقىتتا خالىغان ئېھتىياجىنى ئېيتسا بولىدىغان دۇئالارنى كۆرسىىتدۇ.
مەسىلەن، كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدىكى، ئەزان بىلەن ئىقامەت (تەكبىر)
ئارىلىقىدىكى، ئارافاتتا قىلىنغان دۇئا قاتارلىقلار بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
خاس دۇئا دېگىنىمىز بىر يەرگە كىرگەندە ياكى ئايرىلغاندا، مۇئەييەن بىر
ۋەقە يۈز بەرگەندە ئوقۇيدىغان دۇئالارنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ھاجەتخانىغا كىرىش –
چىقىشتا، كۈچلۈك بوران چىققاندا ئوقۇيدىغان دۇئالار دېگەندەك.
بىرىنچى تۈردىكى دۇئا، يەنى ئادەتتىكى دۇئالاردا پەيغەمبەر سەللاللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد يوللىنىشى كېرەك. شۇنداقلا بۇ خىل دۇئالارنىڭ ئالدىدا
يەنە ئاللاھقا مەدھىيە ئېيتىلىشى كېرەك. فۇدالە ئىبن ئۇبەيد رەزىياللاھۇ ئەنھۇ
مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ئادەمنىڭ دۇئا
قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئاللاھقا ھەمدە ئېيتمىغانلىقىنى ۋە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد يوللىمىغانلىقىنى ئاڭلاپ: «بۇ ئادەم ئالدىراپ كەتتى»
دېدى. ئاندىن ئۇ شۇ ئادەمنى ياكى باشقا بىرىنى چاقىرىپ: «سىلەردىن بىرىڭلار دۇئا
قىلغاندا ئاۋۋال رەببىنى مەدھىيەلەش بىلەن باشلىسۇن، ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد يوللىسۇن، ئاندىن خالىغىنىچە دۇئا قىلسۇن» دېدى. ئىمام
تىرمىزىي (3477) ۋە ئىمام ئەبۇداۋۇد (1481) رىۋايەت قىلغان.
ئەللامە ئىبن قەييۇم رەھىمەھۇللاھ پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە
دۇرۇد يوللاش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «دۇرۇد ئۇنىڭغا دۇئادىن بۇرۇن،
ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئېيتقاندىن كېيىن يوللىنىشى كېرەك.
ئىككىنچىدىن، دۇئانىڭ باشلىنىشىدا، ئوتتۇرىدا ۋە ئاخىرىدا دۇرۇد يوللىنىشى
كېرەك.
دۇرۇدنىڭ ئۈچىنچى ئورنى بولسا، دۇئانىڭ باش – ئاخىرىدا ئۇنىڭغا دۇرۇد
يوللاپ، (ئىككى دۇرۇدنىڭ) ئوتتۇرىدا ئۆز ھاجىتىنى ئېيتىشتۇر».
(جەلائ ئەلئەفھام 375 – بەت).
دۇئادا پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد يوللاشنىڭ سەۋەبى
توغرىسىدا، شەيخۇلئىسلام ئىبن تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
دۇرۇد يوللاش دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا
بۇ ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەردىن. دۇئادا پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمگە دۇرۇد يوللاش قۇرئان، سۈننەت ۋە ئىجمائدا دەلىللەنگەندۇر. ئاللاھ ئەززە
ۋەجەللە مۇنداق دەيدۇ (تەرجىمە مەنىسى):
«ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن (پەيغەمبەرگە)
مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭلار ۋە
ئامانلىق تىلەڭلار». [سۈرە ئەھزاب 56 – ئايەت]. (پەتىۋالار مەجمۇئەسى 375/1).
ئەللامە ئىبن قەييۇم رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «يۇقىرىقىلار دۇئا
قىلىشتىن بۇرۇن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد يوللاش كېرەكلىكىنى
چۈشەندۈرىدۇ. خۇددى تاھارەت نامازنىڭ ئاچقۇچى بولغىنىدەك، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد يوللاش دۇئانىڭ ئاچقۇچىدۇر. ئاللاھ ئۇنىڭغا، ئائىلە
تاۋابىئاتلىرىغا سالات – سالام يوللىسۇن».
خاس دۇئاغا كەلسەك، بۇ خىل دۇئالارنىڭ ئىچىدىكى مەسجىدكە كىرگەن – چىققاندا
ۋە ئەزاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغانلىرىدىن باشقىلىرى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمگە دۇرۇد يوللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز ئۈممىتىگە مۇئەييەن ۋاقىت ۋە
ۋەقە ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان، دۇرۇدنى ئۆز ئىچىمىگە ئالمايدىغان خاس دۇئالارنى
ئۆگەتكەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. ئىستىخارە دۇئاسى.
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
بىزگە ھەرقانداق ئىشتا ئىستىخارە سېلىشنى خۇددى قۇرئاندىكى بىر سۈرىنى ئۆگەتكەندەك
ئۆگىتەتتى، ئۇ مۇنداق دەيتتى: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىر ئىش توغرۇلۇق باش قاتۇرغاندا،
پەرز نامىزىدىن باشقا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ مۇنداق دېسۇن: «اللهم إني أستخيرك بعلمك وأستقدرك بقدرتك وأسألك من فضلك العظيم
فإنك تقدر ولا أقدر وتعلم ولا أعلم وأنت علام الغيوب اللهم إن كنت تعلم أن هذا
الأمر - ويسمِّيه - خير
لي في ديني ومعاشي وعاقبة أمري أو قال عاجل أمري وآجله فاقدره لي ويسره لي ثم بارك
لي فيه وإن كنت تعلم أن هذا الأمر - ويسمِّيه - شر لي في ديني ومعاشي وعاقبة
أمري أو قال في عاجل أمري وآجله فاصرفه عني واصرفني عنه واقدر لي الخير حيث كان ثم
أرضني».
مەنىسى: <ئى ئاللاھ، مەن سېنىڭ ئىلمىڭ بىلەن تاللاپ بېرىشىڭنى، ئۆز قۇدرىتىڭ
بىلەن قۇدرەت ئاتا قىلىپ ياخشىراق ئىشنى قىلدۇرۇشىڭنى، ھەمدە ماڭا سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭدىن
بېرىشىڭنى سورايمەن, چۈنكى سەن قادىرسەن، مەن قادىر ئەمەسمەن، سەن بىلىسەن، مەن
بىلمەيمەن، سەن غەيبلەرنى بىلگۈچىدۇرسەن، ئى ئاللاھ ناۋادا سېنىڭ ئىلمىڭدە بۇ ئىش (قىلماقچى
بولغان ئىشنى ئاتايدۇ) مېنىڭ دىنىم، دۇنيايىم، تۇرمۇش ۋە ئىشىمنىڭ ئاقىۋىتى ئۈچۈن
خەيرلىك بولسا، ماڭا ئۇنى قىلىشنى نېسىپ قىلغىن ۋە ماڭا ئۇنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بەرگىن،
ئاندىن ماڭا ئۇ ئىشتا بەرىكەت ئاتا قىلغىن، ناۋادا سېنىڭ ئىلمىڭدا بۇ ئىش ماڭا
دىنىمدا، دۇنيايىمدا، تۇرمۇشۇمدا ۋە ئىشلىرىمنىڭ ئاقىۋىتىدە يامانلىق بولىدىغان
بولسا، مېنى ئۇنىڭدىن يىراق قىلغىن، ئۇنىمۇ مەندىن يىراق قىلغىن، قەيەردە بولسا
بولسۇن ماڭا خەيرلىكنى پۈتكىن، كېيىن مېنى شۇنىڭغا رازى قىلغىن». (سەھىھۇل بۇخارى،
دۇئالار بۆلۈمى، ئىستىخارە سالغاندا دۇئا قىلىش بابى 6019-ھەدىس.)
ھاجەتخانىغا كىرگەندە ئوقۇيدىغان دۇئا:
ئەنەس ئىبن مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللاللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەرقانداق ۋاقىتتا ھاجەتخانىغا كىرسە «اللهم إني أعوذ بك من الخبث والخبائث» (ئى ئاللاھ، ئەركەك – چىشى جىن –
شەيتانلارنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن) دەيتتى. ئىمام بۇخارى
(5963) ۋە ئىمام مۇسلىم (375) رىۋايەت قىلغان.
كۈچلۈك بوران چىققاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا:
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:
«ھەرقاچان كۈچلۈك بوران چىقسا، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «اللهم إني أسألك خيرها وخير ما فيها وخير ما أرسلت به وأعوذ بك من
شرها وشر ما فيها وشر ما أرسلت به» (ئى ئاللاھ مەن سەندىن ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى،
ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەۋەتىلگەن نەرسىلەرنىڭ
ياخشىلىقىنى تىلەيمەن. ھەم ئۇنىڭ يامانلىقىدىن، ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ
يامانلىقىدىن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەۋەتىلگەن نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سېغىنىپ
پاناھ تىلەيمەن» دەيتتى.
شۇنداقلا، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ئۆگەتكەن باشقا
بەزى دۇئالاردىمۇ دۇرۇد يوق. شۇڭا بىز بۇ دۇئالارغا ھېچنېمە قوشۇپ قويماي،
ھېچنېمىنى كېمەيتىۋەتمەي، ئۆگىتىلگىنى بويىچە ئوقۇشىمىز كېرەك. بۇ قائىدە سوئالدا
تىلغا ئېلىنغان سەجدىدە دۇئا قىلىشقىمۇ تەدبىقلىنىدۇ. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەجدىدە بىر قانچە خىل دۇئالارنى قىلغانلىقى رىۋايەت
قىلىنغان، بۇلارنىڭ ھېچقايسىدا دۇرۇد يوق. بۇ دۇئالارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەم رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە دائىم <سبحانك
اللهم ربنا وبحمدك اللهم اغفر لي> (ئى پەرۋەردىگارىمىز! سېنى جىمى نۇقسانلاردىن
پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز. پۈتۈن ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇر. ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى
مەغپىرەت قىلغىن) دەيتتى». ئىمام بۇخارى (874) ۋە ئىمام مۇسلىم (484) رىۋايەت
قىلغان.
ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «بىر كېچىدە، رەسۇلۇللاھ
سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كارىۋاتتا يوقلۇقىنى بايقاپ، ئۇنى ئىزدەش ئۈچۈن قولۇمنى
سوزىۋىدىم، قولۇم ئۇنىڭ تاپىنىغا تەگدى. ئۇ ناماز ئوقۇۋاتقان بولۇپ، پۇتى
تىكلەنگەن ھالەتتە ئىدى (سەجدە قىلىۋاتاتتى دېمەكچى). ئۇ مۇنداق دەۋاتاتتى: «اللهم أعوذ برضاك من سخطك وبمعافاتك من عقوبتك وأعوذ بك منك لا
أحصي ثناء عليك أنت كما أثنيت على نفسك» (ئى ئاللاھ، غەزىپىڭدىن رازىلىقىڭغا، جازالىشىڭدىن
مەغفىرىتىڭگە، سەندىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن. ساڭا بولغان مەدھىيەلەرنى
ساناپ بولالمايمەن. سەن ئۆزۈڭنى مەدھىيەلىگىنىڭدەكسەن) ئىمام مۇسلىم (486) رىۋايەت
قىلغان.
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد يوللىنىدىغان خاس دۇئا تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
:
مەسجىدكە كىرگەندە
ئوقۇلىدىغان دۇئا:
ئەبۇ ھۇمەيد ۋە ئەبۇ ئۇسەيد رەزىياللاھۇ
ئەنھۇملاردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق
دېگەن: «ھەرقاندىقىڭلار مەسجىدكە كىرسە، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد
– سالام يوللىسۇن، ئاندىن «اللهم
افتح لي أبواب رحمتك» (ئى ئاللاھ، رەھمىتىڭنىڭ ئىشىكلىرىنى ماڭا ئېچىۋەتكىن) دېسۇن. مەسجىدتىن
چىققاندا، «اللهم
إني أسألك من فضلك» (ئى ئاللاھ، مەن سەندىن سېنىڭ فەزلىڭنى سورايمەن) دېسۇن.
ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان (406). بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى
رەھىمەھۇللاھ تامام ئەلمىننەھنىڭ 290 – بېتىدە سەھىھ دېگەن.
ئەزاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئا:
ئابدۇللاھ ئىبن ئامىر ئىبن ئاس
رەزىياللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى
ئاڭلىغان: «مۇئەززىننىڭ ئاۋازىنى (ئەزاننى) ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭ سۆزىنى
تەكرارلاڭلار. ئاندىن ماڭا دۇرۇد يوللاڭلار. كىمكى ماڭا بىر قېتىم دۇرۇد يوللىسا
ئاللاھ ئۇنىڭغا ئون رەھمەت يوللايدۇ. ئاندىن ئاللاھتىن ماڭا «ئەلۋەسىلە» ماقامىنى
تىلەڭلار، بۇ جەننەتتە ئاللاھنىڭ قۇللىرىدىن پەقەت بىرىگىلا نېسىپ بولىدىغان
ماقامدۇر، شۇنداقلا مەن ئاشۇ بىرى بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن. كىمكى ماڭا ۋەسىلە
ماقامىنى تىلەيدىكەن، مەن ئۇنىڭغا شاپائەت قىلىمەن». ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان
(384).
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.