دىندىكى ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر
ئائىشە ئانىمىز رەزىياللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مَنْ أَحْدَثَ فِي أَمْرِنَا هَذَا مَا لَيْسَ فِيهِ فَهُوَ رَدٌّ» «كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىز (ئىسلام)دا بولمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ رەت قىلىنىدۇ» (ئىمام بۇخارى 301\5، ئىمام مۇسلىم 16\12).
يەنە بىر رىۋايەتتە: «مَنْ أَحْدَثَ فِي أَمْرِنَا هَذَا مَا لَيْسَ مِنْهُ فَهُوَ رَدٌّ» كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىز (ئىسلام)دىن بولمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ رەت قىلىنىدۇ» دېيىلگەن (ئىمام مۇسلىم \ ئىمام نەۋەۋى 16\12).
ئىرباد ئىبنى سارىيە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە بامدات نامىزى ئوقۇپ بەردى، ئاندىن بىز تەرەپكە يۈزلىنىپ، كۆزلەردىن ياش ئاققۇزۇپ، قەلبلەرنى تىترىتىدىغان، ئىنتايىن تەسرلىك تەبلىغ قىلدى. بىر ئادەم: «يا رەسۇلۇللاھ! بۇ ۋىدالاشقۇچىنىڭ سۆزىگە ئوخشاپ كەتتى» دېۋىدى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

«ئاللاھقا تەقۋادارلىق
قىلىڭلار! ھەبەشىستانلىق بىر قۇل سىلەرگە باش بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىتائەتسىزلىك
قىلماڭلار! مەندىن كېيىن ياشىغانلار چوقۇم نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. مېنىڭ
سۈننىتىمگە ۋە (توغرا يولغا يېتەكلەنگەن) راشد خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار!
ئۇنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن مەھكەم چىشلەڭلار. (دىندا) يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن
ساقلىنىڭلار. چۈنكى (دىندا) يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەت،
بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتۇر. (ئەبۇداۋۇد 4607 –؛ تىرمىزى 2676 –؛ ئىبن ماجە 43
~ 44 –؛ دارىمى 44 ~ 45/1؛ ئىمام ئەھمەد 126/ 4؛ ھاكىم مۇستەدرەك 96 ~ 95 / 1؛ بەيھەقى سۇنەنۇل كۇبرا 114/10؛ مەناكىبۇ شافىئىي 11 ~ 10
/ 1؛ ئىبنى ھىببان 5 - نومۇرلۇق ھەدىس)
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ (ئاللاھ
ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)نىڭ مۇنداق دېگەنلىكى
رىۋايەت قىلىنىدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسانلارغا
سۆز قىلاتتى ۋە ئاللاھقا لايىق رەۋشتە ھەمدۇ سانا ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق دەيتتى:
«ئاللاھ
ھىدايەت قىلغاننى ئازدۇرغۇچى، ئاللاھ ئازدۇرغاننى ھىدايەت قىلغۇچى يوقتۇر.
سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ كىتابى، يوللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى
مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولىدۇر. ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى (دىندا)
يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردۇر. يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر
(ئىمام مۇسلىم 153\6. ئىمام مۇسلىم ۋە ئىمام بەيھەقىنىڭ رىۋايىتىدە «ھەر بىدئەت
ئازغۇنلۇقتۇر» دېيىلگەن. ئىمام بەيھەقى «ئەسما ۋە سىفات» 137 – نومۇرلۇق باشقا ھەدىستە،
ئىمام نەسائى 188-189\3 تە سەھىھ ئىسناد بىلەن «ۋە ھەربىر ئازغۇنلۇق دوزاختىدۇر»
دېگەن جۈملىنى قوشۇپ رىۋايەت قىلغان).