قانداق قىلغاندا، نامازدا دۇنياۋى خىياللارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ، نامازنى خۇشۇئ بىلەن ئوقۇغىلى بولىدۇ؟

ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 223305 – نومۇرلۇق سوئال.

«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ. 

 

بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.

مۇسۇلمان نامازغا تۇرغاندا، ئۆزىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ زات ـــ ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئۆزىنى نامازدا قانداق تۇرۇشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

 

ئەللامە ئىبن قەييىم (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي) بۇ خۇسۇستا مۇنداق دەيدۇ:

«ھەرقانداق بەندە ئىككى ئورۇندا، يەنى نامازدا ۋە قىيامەت كۈنى مەھشەرگاھتا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرىدۇ. كىمكى بىرىنچى ئورۇندا (يەنى نامازدا) خۇشۇئ – ئەيمىنىش بىلەن تۇرسا، ئىككىنچى ئورۇن (قىيامەت) دىكى تۇرۇش ئۇنىڭغا ئاسان قىلىنىدۇ؛ كىم بىرىنچى ئورۇن (ناماز)دا خۇشياقماسلىق – ئېرىنچەكلىك بىلەن تۇرىدىكەن، ئىككىنچى ئورۇن (قىيامەت) دىكى تۇرۇش ئۇنىڭغا تەسلەشتۈرۈلىدۇ» «فەۋائىد» 200 – بەتتىن ئېلىندى.

 

شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇسۇلمان ناماز ئوقۇۋاتقاندا نامازغا ئالاقىسىز ھەرقانداق نەرسىنى خىيال قىلماستىن، پۈتۈن دىققىتىنى نامازغا مەركەزلەشتۈرۈشى، ئاللاھ تائالاغا تۆۋەنچىلىك – تەۋازۇ كۆرسىتىشى كېرەك. ئىنشائاللاھ، تۆۋەندىكى چارىلەر ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يېتىش مۇمكىن:

 

1.ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۆزىنىڭ ھەممىدىن ئۇلۇغ – كاتتا ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەستە چىڭ تۇتۇش كېرەك.

 

2. ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۆزىگە قارايدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇش كېرەك.

 

3. ئاللاھ تائالانىڭ (ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇق، مۇكەممەللىكىگە لايىق رەۋىشتە) ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىسىنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇش كېرەك.

 

ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلغاي) رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر (ئاللاھ ئاتا- بالا ئىككىسىدىن رازى بولسۇن)دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر مەسجىدنىڭ قىبلە تەرەپتىكى تېمىدا بەلغەمنى كۆرۈپ ئۇنى ئېلىۋەتتى ۋە: «سىلەردىن بىرىڭلار ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئالدى تەرەپكە تۈكۈرمىسۇن. چۈنكى، ئۇ ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئالدىدا بولىدۇ» دېگەن[سەھىھۇل بۇخارى 406 – ھەدىس ۋە سەھىھۇل مۇسلىم 547 – ھەدىس]

 

5. نامازنى ئىمكانقەدەر مۇكەممەل ئوقۇشقا، ئۇنىڭ ساۋابىدىن ھېچنەرسىنىڭ كەملەپ كەتمەسلىكىگە ھېرىسمەن بولۇش كېرەك. 

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ ئەممار ئىبنى ياسر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن پەيغەمبەر نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «بىر كىشى نامازدىن قايتىدۇ-يۇ، ئوقۇغان نامىزى (نىڭ سـاۋابى)دىن پەقەت ئوندىن بىرى، توققۇزدىن بىرى، سـەككىزدىن بىـرى، يەتتىـدىن بىرى، ئالتىدىن بىـرى، بەشـتىن بىـرى، تـۆتتىن بىـرى، ئـۈچتىن بىـرى ياكى يېرىمى قالىدۇ» [مۇسنەد ئەھمەد 18415 – ھەدىس؛ شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ  سەھىھۇل جامى (1626 – ھەدىس)دا ھەسەن دەپ باھالىغان].

 

6. نامازدا ئوقۇلىدىغان سۈرىلەر ۋە زىكىرلەرنىڭ مەنىسى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش كېرەك. چۈنكى، بۇ نامازدا دىققەتنى يىغىپ خۇشۇئ ھاسىل قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم چارىلىرىدىن بىرى. [بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق].

 

7. ناماز ئوقۇلىدىغان جايدا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان سۈرەت – نەقىش، شاۋقۇن – سۈرەن، بولۇپمۇ ھارام، چىركىن ناخشا – مۇزىكىلار بولماسلىقى كېرەك.

 

8. نامازدا مەيلى قەلب، مەيلى كۆز بولسۇن، قالايمىقان ھەرىكەت قىلماسلىقى كېرەك.

ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئائىشە ئانىمىز (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولغاي)نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ دىن نامازدا ئۇيان – بۇيانغا قاراشنىڭ ھۆكمى توغرىلىق سورىۋىدىم، ئۇ: «بۇ شەيتاننىڭ كىشىنىڭ نامىزىدىن ئوغرىلىشىدۇر» دېدى. [سەھىھۇل بۇخارى 751 – ھەدىس].

يەنە بىر ھەدىستە: «بەندە (نامازدا) ئۇياق – بۇياققا قارىمايلا تۇرسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا نامازدا ئۇياق – بۇياققا قارىما» دېيىلگەن [ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان، شەيخ ئەلبانى سەھىھۇل جامى (1724) دا سەھىھ دەپ باھالىغان].

 

ئىبن قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:

«نامازدا ئۇياق – بۇياققا قاراش ئىككى تۈرلۈكتۇر:

بىرىنچىسى، قەلبنىڭ باشقا خىياللار بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى ئۇنتۇشى.

ئىككىنچىسى، كۆزنىڭ ئۇياق – بۇياققا قارىشى.

بۇ ئىككىلىسى چەكلەنگەن.

بەندە نامازدا دىققىتىنى يىغىپلا تۇرسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. ئەمما، بەندىنىڭ خىيالى باشقا نەرسىلەر بىلەن مەشغۇل بولسا ياكى كۆزى ئۇياق – بۇياقلارغا قارىسا، ئاللاھمۇ ئۇنىڭدىن بۇرىلىپ كېتىدۇ» [الوابل الصيب 20 – بەت]

 

9. بەندە نامازدا ئۆلۈمنى ئەسلىشى ۋە شۇ ئارقىلىق ۋىدالىشىش نامىزىنى ئوقۇۋاتقاندەك، يەنى شۇ نامىزى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نامىزى بولۇپ قالىدىغاندەك ھېسسىياتقا كېلىشى كېرەك.

دەيلەمى «مسند الفردوس» تە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھ نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «ناماز ئوقۇغاندا ئۆلۈمنى ئەسلە. چۈنكى، بىراۋ نامازدا ئۆلۈمنى ئەسلىسە، نامىزىنى كامىل ئوقۇشقا تىرىشىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى نامىزىنى ئوقۇۋاتقان ئادەمدەك ناماز ئوقۇ، سېنى كېيىن ئەپۇ سوراشقا مەجبۇر قىلىدىغان ئىشلاردىن ساقلان» [ھافىز شەۋكانى  رەھىمەھۇللاھ «المقاصد الحسنة» تە ھەسەن دەپ باھالىغان؛ شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھۇل جامى (849) دا ھەسەن دەپ باھالىغان].

 

ئەگەر ئىنسان يۇقىرىقىلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىسا، ئىنشائاللاھ نامازدا ھېچنەرسە ئۇنىڭ دىققىتىنى چاچالمايدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ دىققىتى نامازغا مەركەزلىشىپ، ناماز ئۇنىڭ ئۈچۈن كاتتا ھۇزۇرغا ئايلىنىدۇ، ئۇ ھەرزامان ناماز ئوقۇشقا ئىنتىلىپ تۇرىدىغان بولىدۇ.

 

ئەگەر ناماز ئوقۇغۇچى ئەرەب بولمىسا، شۇنداقلا نامازدا ئوقۇلىدىغان سۈرىلەرنىڭ، زىكىرلەرنىڭ مەنىسىنى بىلمىسە، ئۇ نامازنى چۈشىنىپ تۇرۇپ ئوقۇپ، ساۋابنى تولۇق قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مۇشۇلارنىڭ مەنىسىنى بىلىۋېلىش مەقسىتىدە تاقىتىنىڭ يېتىشىچە ئەرەبچە ئۆگىنىشى كېرەك.

 

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 

*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

 

 

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟