سەجدە سەھۋىسى نامازنىڭ ئاخىرىدا قانداق ۋاقىتتا قىلىنىدۇ؟

سەجدە سەھۋىسى نامازنىڭ ئاخىرىدا قانداق ۋاقىتتا قىلىنىدۇ؟

«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» «فىقھۇل مۇيەسسەر» ناملىق مەشھۇر فىقھى كىتابىدىن تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

جاۋاب:
ئالدى بىلەن، سەھۋى سەجدىسىنىڭ قىلىنىش ئورنى ھەققىدىكى ھەدىسلەرنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر.
بىر قىسىم ھەدىسلەر سەھۋى سەجدىسىنىڭ سالامدىن (نامازنىڭ ئاخىرىدىكى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ دېيىشتىن) ئىلگىرى قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. يەنە بىر قىسىم ھەدىسلەردە بولسا سالامدىن كېيىن قىلىش كېرەكلىكى كۆرسىتىلمەكتە. بۇ ۋەجىدىن مۇھەققىق ئالىملاردىن بەزىلىرى مۇنداق دېگەن: ناماز ئوقۇغۇچى بۇ خۇسۇستا خالىغىنى قىلسا، يەنى سەھۋى سەجدىسىنى سالامدىن بۇرۇن قىلسىمۇ، سالامدىن كېيىن قىلسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، سەھۋى سەجدىسىنى ئىككىلا خىل قىلىشقا دەلىل بار. ئىككىلىسى جائىز.

ئىككىنچىدىن، سەھۋى سەجدىسىنىڭ شەكلى: بۇ سەجدە نامازدىكىگە ئوخشاش ئىككى سەجدە بولۇپ، سەھۋى سەجدىسى قىلغۇچى ھەربىر سەجدىگە بېرىشتا ۋە سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈشتە تەكبىر ئېيتىشى (يەنى ئاللاھۇ ئەكبەر) دېيىشى، (ئىككى سەجدىنى) تاماملىغاندىن كېيىن سالام بېرىشى كېرەك.


بەزىلەر «سەھۋى سەجدىسى سالامدىن كېيىن قىلىنسا، سەھۋى سەجدىسى قىلىپ بولغاندىن كېيىن تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ، تەشەھھۇھ دۇئا – دۇرۇدلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن سالام بېرىدۇ» دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ھافىز ئىبنى ھەجەر (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي)نىڭ دېگىنىدەك، بۇ خۇسۇستا پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ــ بىر يەرگە كەلتۈرۈلسە ھەسەن دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىدىغان ــ ئۈچ ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان (فەتھۇل بارى 3 – جىلىد 119 – بەت).

*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟