گۇناھى كەبىرلەردىن كىبىر

گۇناھى كەبىرلەردىن كىبىر

كاتتا مۇھەددىس ئىمام زەھەبى رەھىمەھۇللاھنىڭ «70 گۇناھى كەبىر» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
كىبىر پەخىرلىنىش، چوڭچىلىق قىلىش، ئۆزىگە تەمەننا قويۇش ۋە ھاكاۋۇرلۇق قىلىش دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ.
ئاللاتائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: (تەرجىمە مەنىسى) «مۇسا ئېيتتى: ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار (ئاللاھ)قا سېغىنىپ ھىساب كۈنى (قىيامەت كۈنى)گە ئىشەنمەيدىغان ھەربىر مۇتەكەببىر (نىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى)دىن پاناھ تىلەيمەن، ھەقىقەتەن ئاللاھ تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ».
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «بىر كىشى كىبىرلىك بىلەن ماڭاتتى، ئاللاھ ئۇنى يەرگە يۇتقۇزۇۋەتتى. ئۇ قىيامەتكىچە يەر ئاستىغا يۇتقۇزۇلىدۇ» [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان].
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «زالىم ۋە مۇتەكەببىرلەر قىيامەت كۈنى زەررىدەك كىچىك تىرىلدۈرۈلىدۇ. ئىنسانلار بۇلارنى دەسسەيدۇ، ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن خارلىق ئورىۋالىدۇ» [ئىمام تىرمىزى ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئەلبانى سەھىھ دېگەن].
سەلەف سالىھلاردىن بىرى: ئاللاھقا قارشى قىلىنغان بىرىنچى چوڭ گۇناھ كىبىردۇر، دېگەن.
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: (تەرجىمە مەنىسى) «ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى. ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى».
كىمكى خۇددى ئىبلىس تەكەببۇرلۇق قىلغاندەك تەكەببۇرلۇق قىلسا ئۇنىڭ ئىمانى پايدا بەرمەيدۇ.
    پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «قەلبىدە زەررىچىلىك كىبىر بار ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ» [ئىمام ئەھمەد، ئىمام مۇسلىم، ئىمام ئەبۇداۋۇد، ئىمام تىرمىزى، ئىمام ئىبنى ماجە (ئاللاھ ئۇلارغا رەھىم قىلغاي) رىۋايەت قىلغان]
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: (تەرجىمە مەنىسى) «ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»[سۈرە لوقمان 18 – ئايەت].
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىس قۇددۇسىدا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئۇلۇغلۇق مېنىڭ ئىشتىنىم، كىبىر مېنىڭ تونۇمدۇر. كىمكى مەندىن بۇ ئىككىسىنى تالاشسا ئۇنى جەھەننەمگە تاشلايمەن، دېگەن» [ئىمام مۇسلىم، ئىمام ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان].
 پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «جەننەت بىلەن دوزاخ تالىشىپ قالدى. جەننەت: ماڭا نېمىشقا ئاجىز ۋە تۆۋەن تەبىقىدىكى ئىنسانلارغا كىرىدۇ؟ دېۋىدى، دوزاخ: چۈنكى زالىملار ۋە مۇتەكەببىرلەر ماڭا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، دېدى» [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: (تەرجىمە مەنىسى) «كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»
سەلەمە ئىبنى ئەكۋە رەزىياللاھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: بىر كىشى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىدا سول قولى بىلەن تاماق يېگەنىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن» دېدى، ئۇ: ئوڭ قولۇم بىلەن يېيەلمەيمەن، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يېيەلمىگەيسەن» دېدى. ئۇنى كىبىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىشتىن توسقانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئوڭ قولىنى ئاغزىغا ئاپارالماس بولۇپ قالدى [ئىمام ئەھمەد ئىمام مۇسلىم ۋە ئىمام دارىمى رىۋايەت قىلغان]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە دوزاخ ئەھلىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇلار بارلىق قوپال، بېخىل ۋە مۇتەكەببىر كىشىلەردۇر» [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان].
ئىبنى ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «قانداق بىر كىشى مېڭىشىدا تەكەببۇرلۇق قىلسا ۋە ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن كۆرسە، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئۇنىڭ غەزىپىگە يولۇققان ھالدا بارىدۇ» [ئىمام ئەھمەد، ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام ھاكىم رىۋايەت قىلغان].
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا ئۈچ تۈرلۈك كىشىگە قىيامەت كۈنى گەپ قىلمايدۇ، (رەھمەت نەزىرى بىلەن) قارىمايدۇ ۋە ئۇلارنى گۇناھتىن پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا مۇپتىلا بولىدۇ. بىرىنچىسى ئۇزۇن كىيىم كىيىپ سۆرۈلدۈرۈپ ماڭىدىغان كىشى؛ ئىككىنچىسى (قىلغان ئىشلىرىغا) مىننەت قىلىدىغان كىشى؛ ئۈچىنچىسى مېلىنى يالغان قەسەم بىلەن ساتىدىغان كىشى» [ئىمام ئەھمەد، ئىمام مۇسلىم، ئىمام ئەبۇداۋۇد، ئىمام نەسائى، ئىمام تىرمىزى ۋە ئىمام دارىمى رىۋايەت قىلغان]
    كىيىمنى ئۇزۇن كىيىش دېگەندە، مەيلى ئىشتان ياكى باشقا كىيىملەر بولسۇن ئوشۇقتىن تۆۋەن چۈشكۈدەك ئۇزۇن كىيىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە: «كىيىمنىڭ ئوشۇقتىن تۆۋەنكى قىسمى دوزاختا» دېگەن [ئىمام بۇخارى، ئىمام ئەھمەد، ئىمام ئىبنى ماجە ۋە ئىمام نەسائى رىۋايەت قىلغان].
    ئىنسانلارغا بىلىمى بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلىدىغان ۋە ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن سانايدىغان كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرى ئەڭ يامان كىبىردۇر. بۇنداق كىشىلەرگە بىلىمى ھېچقانداق پايدا بەرمەيدۇ. كىمكى ئاخىرەت ئۈچۈن بىلىم ئۆگەنسە، بىلىمى ئۇنى كەمتەر قىلىدۇ، قەلبى (ئاللاھقا بولغان) قورقۇنچقا، نەپسى (ئاللاھقا بولغان) تۆۋەنچىلىككە تولىدۇ. ئۇنداق كىشىلەر نەپسىنى ھېچقاچان ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويمايدۇ ، بەلكى ھەردائىم ئۇنى كۆزىتىپ ۋە ھېساب ئېلىپ، نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ.
كىشى نەپسىنى مەيلىگە قويۇۋەتسە، توغرا يولدىن ئېزىپ كېتىپ، ھالاك بولىدۇ.
كىمكى ئىلىمنى يۈز - ئابرويغا ئېرىشىش، مەنسەپكە ئىگە بولۇش، مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىش ئۇلارنى ھاماقەت چاغلاش - تۆۋەن كۆرۈش مەقسىتىدە ئۆگەنسە، بۇ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭىدۇر، ھالبۇكى قەلبىدە زەررىچىلىك كىبىرى بار ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ.
ھەممىدىن بۈيۈك ۋە ئۇلۇغ ئاللاھتىن باشقا ھېچ كۈچ قۇۋۋەت ئىگىسى يوقتۇر.

*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟