ئۇزۇن ساقالنى ۋە ئىشتاننى قىسقا كىيىشنى مەسخىرە قىلىشنىڭ ھۆكمى

ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 10397 – نومۇرلۇق پەتىۋا
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

سۈننەتنىڭ بەزى تەرەپلىرىنى مەسخىرە قىلىشنىڭ ھۆكمى؟
سوئال: ساقالنى، (ئوشۇقتىن) قىسقا ئىشتاننى ۋە سۈننەتنىڭ باشقا تەرەپلىرىنى مازاق قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ مۇشۇ تۈرلۈك سۈننەتلەرنى ئادا قىلىشقا چاقىرىلغاندا، كۆكرىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ «تەقۋالىق مانا بۇ يەردە» دېگەنلەرنىڭ ھۆكمى نېمە؟


جاۋاب: بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا تائالاغا خاستۇر.
ساقالنى، ياكى سۈننەتكە ئۇيغۇن ئۇزۇنلۇقتىكى كىيىملەرنى، ۋەياكى سۈننەتنىڭ باشقا تەرەپلىرىنى مازاق قىلغۇچى _ ئەگەر بۇ ئىشلارنى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇيرۇغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق قىلغان بولسا _ كاپىردۇر.
چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا ئۇ پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى ۋە ھەرىكىتىنى مازاق قىلىۋاتقان بولىدۇ. بۇ پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قارشى چىققانلىقتۇر. كىمكى، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننەتلىرىدىن بولغان بىر ئىشنى مازاق قىلىدىكەن، ئۇ مۇسۇلمان ئەمەس.
ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە شۇنداق دەيدۇ: «قُلْ أَبِاللَّـهِ وَآيَاتِهِ وَرَسُولِهِ كُنتُمْ تَسْتَهْزِئُونَ ﴿٦٥﴾ لَا تَعْتَذِرُوا قَدْ كَفَرْتُم بَعْدَ إِيمَانِكُمْ... ﴿٦٦﴾»
[ئى مۇھەممەد! بۇ مۇناپىقلارغا) «سىلەر اﷲ نىڭ دىنىنى، اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟» دېگىن (65) سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى، ئۇنىڭ سۈننىتىنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار... (66)]
سۈرە تەۋبە 65 ~ 66 – ئايەت.
ئەگەر بىر ئادەم ئىسلام ئەھكاملىرىدىن بىرىگە بويسۇنۇشقا بۇيرۇلغاندا «تەقۋالىق دېگەن قەلبتە بولىدۇ» دەپ شەرىئەتكە ئەگەشمىسە، ئۇ ناچار كاززابتۇر. چۈنكى، ئىمان دېگەن سۆز ھەم ھەرىكەتنى بىردەك ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ نوقۇل قەلب بىلەنلا چەكلىنىدىغان نەرسە ئەمەس. (تەقۋالىق نوقۇل قەلبتىلا بولىدۇ دېگەن) بۇ سەپسەتە ئازغۇن مۇرجىئىيلارنىڭ «ئىمان قەلبتە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەمەل بىلەن ئالاقىسى يوق» دېگەن چىركىن بىدئىتىگە ئوخشاشتۇر. ھالبۇكى، قەلب ساغلام بولۇپ، ئىمان بىلەن تولغان بولسا، بۇ ئىمان شۇ ئادەمنىڭ ھەرىكىتىدە ئىپادىسىنى تاپىدۇ. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «أَلا وَإِنَّ فِي الْجَسَدِ مُضْغَةً إِذَا صَلَحَتْ صَلَحَ الْجَسَدُ كُلُّهُ, وَإِذَا فَسَدَتْ فَسَدَ الْجَسَدُ كُلُّهُ, أَلا وَهِيَ الْقَلْبُ) رواه البخاري (52) ومسلم (1599» «بەدەندە بىر پارچە گۆش بار، ئۇ تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزىلىدۇ. ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ يۈرەكتۇر» دېگەن. [ئىمام بۇخارى (52)، ئىمام مۇسلىم (1599) رىۋايەت قىلغان].
شۇنداقلا، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «إِنَّ اللَّهَ لا يَنْظُرُ إِلَى صُوَرِكُمْ وَأَمْوَالِكُمْ وَلَكِنْ يَنْظُرُإِلَى قُلُوبِكُمْ وَأَعْمَالِكُمْ) رواه مسلم (2564) » (ھەقىقەتەن ئاللاھ ھېچقايسىڭلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە ياكى مال – دۇنياسىغا قارىمايدۇ، بەلكى ئۇ سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ۋە ئەمەلىڭلارغا قارايدۇ» دېگەن [ئىمام مۇسلىم (2564) رىۋايەت قىلغان].
قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەققە ئەگىشىشتىن، ئىسلامىي ئەھكاملارنى ئىجرا قىلىشتىن جاھىللارچە باش تارتقانلارنىڭ سۆزلىرى ئۇلاردىكى ئىمانىي زەئىپلىكنىڭ، ئۇلارنىڭ شۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى ئىسلامغا چاقىرغانلارنى توختاتماقچى بولغانلىقىنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرىدۇر.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟