جۇنۇپ بولۇپ قېلىپ خىجىللىقتىن يۇيۇنماي، تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇدى

جۇنۇپ بولۇپ قېلىپ خىجىللىقتىن يۇيۇنماي، تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇدى

سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات – پەتىۋا كومىتېتى تور بېتىدىكى 16356 – نومۇرلۇق پەتىۋا

«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

2- سوئال: مەن نەچچە كۈن ئاۋۋال بىر ئىمام دوستۇمنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدىم. ئەتىسى ئەتىگەن بامداتقا ئەزان ئوقۇلغاندىن كېيىن ئۇ مېنى ئويغاتتى. بۇ چاغدا نامازغا تۇرىدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قالغان بولغاچقا، جامائەت ئۇنى ساقلاۋاتاتتى. ئەمما، مەن جۇنۇپ بولۇپ قالغانىدىم. ئەگەر غۇسۇل قىلماقچى بولسام دوستۇمنىڭ مېنى ئايالى بىلەن يالغۇز قالدۇرۇپ، مەسجىدكە چىقىشى مۇمكىن بولمايتتى. ئەگەر مەن غۇسۇل قىلىپ بولغۇچە مېنى ساقلاپ تۇرسا جامائەت ئۇزۇن ساقلاپ كېتىشى، نامازنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنداقلا، مەن ئۇنىڭغا جۇنۇپ بولۇپ قالغانلىقىمنى ئېيتىشتىن خىجىل بولدۇم ھەم ئۇنىڭغا تۇيدۇرمايلا تەيەممۇم قىلىپ بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇدۇم. ئاندىن شۇ كۈنى پېشىن نامىزىدىن ئاۋۋال غۇسۇل قىلدىم. قىلغىنىم توغرىمۇ؟ ئەگەر خاتا بولسا مەن ھازىر قانداق قىلىشىم كېرەك؟

جاۋاب: (غۇسۇل قىلىش ئۈچۈن) سۇ بار ئەھۋالدا بامدات نامىزىنى تەيەممۇم بىلەن ئوقۇغىنىڭىز باتىل. شۇ نامازنى قايتا ئوقۇشىڭىز كېرەك. يەنە كېلىپ، شۇ خىل ئەھۋالدىكى خىجىلچانلىقىڭىز ئىسلامدا تەرىپلىنىشكە ئەرزىيدىغان خىجىلچانلىق ئەمەس.

ئاللاھتىن تەۋپىق تىلەيمىز. ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا، ئائىلىسىگە، ساھابىلىرىغا رەھمەتلەرنى ياغدۇرغاي.
 پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئەللامە بىن باز
 ئاﺑﺪۇراززاق ئەفىفىي، بەكرى ئەبۇزەيىد، سالىھ فەۋزان، ئابدۇلئەزىز ئەلشەيخ، ئابدۇللاھ ﺋﯩﺒﻨﻰ غۇدەييان.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟