تىجارەتچى قېرىنداشلار سەمىگە: ئوخشاش مالنى ھەرخىل باھادا سېتىشنىڭ ھۆكمى


ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋالار توپلىمى 19 – جىلىد 108 – بەت.

«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

سوئال: مەن بىر سودا سارايدا ئىشلەيمەن. شۇنداقلا، مەھسۇلاتلارنى خېرىدارلارنىڭ باھا تالىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوخشىمىغان باھادا ساتىمەن. مەسىلەن، ئوخشاش بىر مەھسۇلاتنى بەزىدە 100 رىيالغا ساتسام، يەنە بەزىدە 150 رىيالغا ساتىمەن. مۇشۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟

جاۋاب: بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.

سىز قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىش __ مەھسۇلاتنىڭ باھاسىنى بازار باھاسىدىن ئۆرلىتىۋالماسلىقتۇر. قىسمەن خېرىدارلارغا قارىتا، مەھسۇلاتنىڭ باھاسىنى بازار باھاسىدىن تۆۋەنلىتىپ بېرىشنىڭ ھېچقانداق خاتاسى يوق. ئەكسىچە، خاتا بولغىنى مەھسۇلاتنىڭ باھاسىنى بازار باھاسىدىن ئۆرە قىلىۋېلىشتۇر، بولۇپمۇ سېتىۋالغۇچى بازار باھاسىنى بىلمەيدىغان ياكى سودا – سېتىقتا، باھا تالىشىشتا تەجرىبىسىز بولغان ئەھۋالدا. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلمسىزلىك ۋە تەجرىبىسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ، مەھسۇلاتنى بازار باھاسىدىن يۇقىرى باھادا سېتىشقا بولمايدۇ.

*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟