بىدئەت ئەڭ قەبىھ گۇناھلاردىندۇر
بىدئەت ئەڭ قەبىھ گۇناھلاردىندۇر
ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ پەتىۋالار توپلىمى 1 - جىلىد 224 – بەت
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ۋە شۇلاردىن كېيىن كەلگەن سەلەف پېشۋالىرىمىز كىشىلەرنى بىدئەتتىن ئاگاھلاندۇراتتى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقۇتاتتى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بىدئەت ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز دىنغا قوشۇلغان ئىش دېمەكتۇر. بۇ مەنىدىن بىدئەتچىلىك ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بولغان يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى دورىغانلىقتۇر. چۈنكى، يەھۇدىي – ناسارالارمۇ ئاللاھنىڭ پەرمانىسىز ئۆز دىنغا نۇرغۇن بىدئەتلەرنى قوشۇۋېلىشقانىدى. بىدئەت ناھايىتى يىرگىنىشلىكتۇر، چۈنكى بىدئەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش «بۇ دىندا كەمتۈكلۈك بار، بىز مۇشۇ ئىش (يەنى بىدئەت) ئارقىلىق دىننى مۇكەممەللەشتۈرىمىز» دەپ داۋا قىلغانلىق بولۇپ، بۇ ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەنىڭ «الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ» (بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم) (سۈرە مائىدە 3- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن سۆزىگە قارشى ئەڭ ئېغىر باتىل، ئەڭ قەبىھ مۇنكەردۇر. بىدئەتچىلىك ئۆز نۆۋىتىدە يەنە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىدئەتكە قارشى ئاگاھلاندۇرغان سەھىھ ھەدىسلىرىگە قارشى چىققانلىقتۇر (بۇ ۋەجىدىن بىدئەتنىڭ ھەر قاندىقى گۇناھى كەبىرىدۇر.).
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.