ئاياللارنىڭ يۈز يېپىشىنى مەسخىرە قىلىشنىڭ ھۆكمى
سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات –
دائىمىي پەتىۋا كومىتېتىنىڭ 4127 – نومۇرلۇق پەتىۋاسىدىكى 2 – سوئال
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە
قىلىپ تارقاتتى.
سوئال: ئاياللارنىڭ يۈز يېپىشىنى
مەسخىرە قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ھەرقانداق بىراۋ مەيلى
ئاياللارنىڭ يۈز يېپىشى ياكى باشقا ئىشلاردا، ئەر – ئايال مۇسۇلمانلارنى شەرىئەتكە
بويسۇنغانلىقى سەۋەبلىك مەسخىرە قىلىدىكەن، ئۇ كاپىردۇر.
چۈنكى، ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەر
رەزىياللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «تەبۇك غازىتىدا بىر ئادەم بىر سورۇندا:
بىزنىڭ ئەنە شۇ قارى ـ قۇرئانلىرىمىزغا ئوخشاش قورساققا ئامراق، يالغان سۆزلەيدىغان،
جەڭ مەيدانىدا قورقۇنچاقلىق قىلىدىغان ئادەملەرنى كۆرمىدىم،- دېدى. مەسچىتتە تۇرغان
بىر ئادەم: يالغان ئېيتتىڭ، سەن ھەقىقەتەن مۇناپىق ئىكەنسەن، سېنىڭ بۇ سۆزۈڭنى رەسۇلۇللاھ
ﷺ
غا چوقۇم يەتكۈزىمەن،- دېدى. بۇ ئەھۋال رەسۇلۇللاھ ﷺ
غا يېتىپ باردى. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە ئايەتمۇ نازىل بولدى.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىياللاھ
ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇ مۇناپىقنىڭ پەيغەمبەر ﷺ
نىڭ تۆگىسىنىڭ بەل تاسمىسىغا ئېسىلىۋالغانلىقىنى، تاشلارغا پۇتلىشىپ پۇتلىرىنىڭ
جاراھەتلەنگەنلىكىنى، ئۇنىڭ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز بۇ سۆزنى راستىن ئەمەس،
پەقەت چاقچاق قىلىپ (ئوينىشىپ) دەپ قويغانىدۇق،- دېگەنلىكىنى، پەيغەمبەر ﷺ
نىڭ {قُلْ أَبِاللَّـهِ وَآيَاتِهِ وَرَسُولِهِ
كُنتُمْ تَسْتَهْزِئُونَ ﴿٦٥﴾لَا تَعْتَذِرُوا قَدْ كَفَرْتُم بَعْدَ إِيمَانِكُمْ
ۚ إِن نَّعْفُ عَن طَائِفَةٍ مِّنكُمْ نُعَذِّبْ طَائِفَةً بِأَنَّهُمْ كَانُوا
مُجْرِمِينَ} ﴿«سىلەر ئاللاھ نىڭ دىنىنى، ئاللاھ
نىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى كىتابىنى) ۋە ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟
(65) سىلەر ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى، مۆمىنلەرنى
مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى (راست تەۋبە
قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى (يەنى
مۇناپىقلىق بىلەن گۇناھنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرى) ئۈچۈن جازالايمىز» دېگەن ئايەتنى
ئوقۇغانلىقىنى كۆردۈم».
دېمەك، بۇ يەردە مۆمىنلەرنى
مەسخىرە قىلىش ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى، پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلغانغا
باراۋەر قىلىنغان.
ئاللاھتىن تەۋپىق تىلەيمىز.
دۇرۇد – سالاملار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا
ۋە ساھابىلەرگە بولغاي.
پەتىۋا
بەرگۈچى ئالىملار: ئەللامە ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز
ئابدۇرازاق ئەفىفى، ئابدۇللاھ
ئىبن غۇدەييان، ئابدۇللاھ ئىبن قائۇد
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.