قىزلار ئوغۇل - قىز ئارىلاش ئوقۇيدىغان مەكتەپتە ئوقۇسا بولامدۇ؟
سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات – دائىمىي پەتىۋا
كومىتېتىنىڭ 5799 – نومۇرلۇق پەتىۋاسىدىكى 3 – سوئال
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
سوئال: قىزلارنىڭ تولۇق ھىجابلانماي، ئەۋرىتىنى كۆرسەتكەن ھالدا مەكتەپلەرگە بېرىشى دۇرۇسمۇ؟ نەسىھەت قىلسىمۇ ئاڭلىماي، ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا ئۇنىمىغان قىزنىڭ ئاكا – ئىنىلىرى قانداق قىلىشى كېرەك؟ بۇنداق ئەھۋالدا سىڭلىمىزنى ئۇرساق، ئاتا – ئانىمىزنىڭ ئاچچىقى كېلىدۇ. مەن ئاتا – ئانامنىڭ خاپا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ ئىشقا ئارىلىشىشىم كېرەكمۇ؟ مەن ھازىر زادى نېمە قىلىشىم كېرەك؟

جاۋاب: قىز –
ئاياللارنىڭ مەيلى ئوقۇش ياكى باشقا ھەرقانداق سەۋەب تۈپەيلى، گۈزەللىكى ۋە
زىننەتلىرىنى ئاممىۋى سورۇندا باشقىلارغا كۆرسىتىشى دۇرۇس ئەمەس. ئەۋرىتىنى (يۈز
ۋە قول شۇنىڭ ئىچىدە) تولۇق ياپمىغان ھالدا ناماھرەملەرگە كۆرۈنگەن ھەرقانداق قىز –
ئايال گۇناھكار بولىدۇ. شۇنداقلا، ئۇنىڭ ھامىيلىرى، مەسىلەن ئاتا – ئانىسى،
قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىشى، ئۇنى ھىجابلىنىشقا
بۇيرۇشى كېرەك. قىز – ئايال بىلەن بولغان قانداشلىقى ئەڭ يېقىن بولغانلار ئۇلارغا
ھەممىدىن بەك نەسىھەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر سىز سىڭلىڭىزغا نەسىھەت قىلسىڭىز، ئۇ
نەسىھەتنى قوبۇل قىلسا، بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر. ئەگەر ئۇ رەت قىلسا، شۇ قىز ۋە
ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىشتا ھۇرۇنلۇق قىلغانلارنىڭ ھەممىسى گۇناھكار بولىدۇ.
قىز –
ئاياللارنىڭ شەرىئەت ئىلمىنى ۋە ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆگىنىشى ۋاجىب. لېكىن، ئۇلار
چوقۇم ئاللاھ بۇيرۇغان شەكىلدە ھىجابلىنىشى ۋە باشقا ئىشلاردىمۇ ھايالىق بولۇشى
كېرەك. ئاللاھ بىزگە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلغاي، دۇرۇد - سالاملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا،
ئۇنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە بولغاي.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئەللامە ئابدۇلئەزىز بىن باز
ئابدۇرازاق ئەفىفىي، ئابدۇللاھ ئىبن قائۇد، ئابدۇللاھ ئىبن غۇدەييان.
________
سەئۇدىي ئىلمىي
تەتقىقات - دائىمىي پەتىۋا كومىتېتىنىڭ 3731 - نومۇرلۇق پەتىۋاسى
سوئال: مەن بىر
ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاللاھ خالىسا يىللىق ئۆرلەيمەن. ئەمما،
مېنىڭ مەكتىپىم قىز - ئوغۇللار بىر سىنىپتا ئارىلاش ئوقۇيدىغان مەكتەپ. مەن بۇ يەردە
ئوقۇشنى قەتئىي خالىمايمەن. ئەمما، ئاتا - ئانام مېنىڭ بۇ خىيالىمنى بىلىپ، بەك ئازابلاندى.
بولۇپمۇ دادامنىڭ كۆزى ئاجىز ئىدى، ئۇ «ئەگەر سەن بۇ مەكتەپتىن چىقىپ كەتسەڭ، مېنى
كۆزۈمدىن تامامەن مەھرۇم قىلىسەن» دېدى. بۇ ئەھۋالدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ماڭا جاۋاب
بەرگەن بولساڭلار.
جاۋاب: سىز قىز
- ئوغۇل ئارىلاش ئوقۇيدىغان بۇ مەكتەپتە ئوقۇشنى توختىتىپ، قىز - ئوغۇل ئارىلاش ئوقۇمايدىغان
مەكتەپلەردە ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىز كېرەك. كىمكى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بىر نەرسىنى
تەرك ئېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشىسىنى ئاتا قىلىدۇ.
ئاللاھ بىزگە
مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلغاي، دۇرۇد - سالاملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە
- تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە بولغاي.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئەللامە ئابدۇلئەزىز بىن باز
ئابدۇرازاق ئەفىفىي، ئابدۇللاھ ئىبن قائۇد، ئابدۇللاھ ئىبن غۇدەييان.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.