دىنغا ئالاقىدار خاتا قاراشلارنى تارقاتقۇچى شۇ قارىشىدىن يانغان - تەۋبە قىلغان بولسا، ئۇنى چوقۇم ئاشكارا ئېلان قىلىشى كېرەك.
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
كىشىلەر ئارىسىدا دىنغا ئالاقىدار
خاتا قاراشلارنى تارقاتقان ھەرقانداق بىرىنىڭ تەۋبىسى شۇ قاراشنىڭ خاتالىقىنى
ئاشكارا ئېلان قىلىپ، كىشىلەرنى بۇنىڭدىن خەۋەردار قىلمىغۇچە قوبۇل بولمايدۇ.
ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق
دەيدۇ: «إِنَّ الَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَا أَنزَلْنَا مِنَ الْبَيِّنَاتِ
وَالْهُدَىٰ مِن بَعْدِ مَا بَيَّنَّاهُ لِلنَّاسِ فِي الْكِتَابِ ۙ أُولَـٰئِكَ يَلْعَنُهُمُ اللَّـهُ وَيَلْعَنُهُمُ اللَّاعِنُونَ ﴿١٥٩﴾ إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا وَأَصْلَحُوا وَبَيَّنُوا فَأُولَـٰئِكَ
أَتُوبُ عَلَيْهِمْ ۚ وَأَنَا
التَّوَّابُ الرَّحِيمُ» (بۇ كىتابتا كىشىلەرگە توغرا يولنى
ئېنىق بايان قىلغىنىمىزدىن كېيىن، بىز نازىل قىلغان روشەن دەلىللەرنى ۋە توغرا
يولنى يوشۇرىدىغانلارغا ﷲ لەنەت قىلىدۇ؛ لەنەت قىلغۇچىلار (يەنى پەرىشتىلەر ۋە
مۆمىنلەر) مۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ [159] پەقەت تەۋبە قىلغانلار، (ئەمەلىنى)
تۈزەتكەنلەر، (يوشۇرغانلىرىنى) ئاشكارا بايان قىلغانلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە
شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن، مەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇرمەن.
ناھايىتى مېھرىباندۇرمەن) {سۈرە بەقەرە 159 ~ 160 – ئايەت}.
بۇ
ئايەتى كەرىمدە، ئاللاھ تائالا ھەقنى يوشۇرغان (بىلىپ تۇرۇپ خاتا پەتىۋا بەرگەن،
بار شەرئىي دەلىللەرنى كۆرمەسكە سالغان ھەركىم مۇشۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر، ت)
ھەركىمنىڭ خاتالىقىنى تۈزەتمىگۈچە ۋە ئاشكارا ئېلان قىلمىغۇچە، تەۋبىسىنىڭ دۇرۇس
بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتىدۇر.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.