ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قارشى چىققانلىقى سەۋەبلىك ساقالنى كېسىشكە (قويماسلىققا) بولامدۇ؟

ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قارشى چىققانلىقى سەۋەبلىك ساقالنى كېسىشكە (قويماسلىققا) بولامدۇ؟

سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات - دائىمىي پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋالىرى 1 - توپلام 5 - جىلىد 156 - بەت.

«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

سوئال: مەن ئالىملارنىڭ ئېيتقىنىدەك ساقالنى (تۇتامدىن تۆۋەن) كېسىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئەمما، ساقالنى كامىل قويۇش ئۈچۈن كۆپ مۈشكۈلاتلارغا ئۇچراۋاتىمەن. مەسىلەن، ئائىلەمدىكىلەر مېنىڭ ساقال قويۇشۇمغا قارشى چىقىۋاتىدۇ. مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى سىنىپىدا ئوقۇيمەن، شۇ ۋەجىدىن چىقىملىرىمنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزۈم چىقالمىغاچقا، ئائىلەمدىكىلەرگە تايىنىمەن. شۇ تاپتا ساقال مەسىلىسى تۈپەيلى، ئائىلەمدىكىلەر بىلەن ئارام يىرىكلىشىپ، ئۇلار مېنى ئۆيدىن قوغلىۋېتىدىغان دەرىجىگە كەلدى. بۇ ئەھۋالدا قانداق قىلىشىم كېرەك. ئەڭ قىسقا مۇددەتتە جاۋاب قايتۇرۇشۇڭلارنى سورايمەن.

جاۋاب: ھېچقانداق شېرىكى يوق، يەككە – يېگانە ئىلاھىمىز ئاللاھقا ھەمدلەر بولسۇن. ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.
تېمىمىزغا كەلسەك، بىلگىنىڭىزدەك، ساقالنى كېسىش ھارامدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئائىلىڭىزنىڭ سىزگە غەزەپلىنىشى ۋە سىزنى ئۆيدىن قوغلىماقچى بولۇشى ساقىلىڭىزنى كېسىشىڭىز ئۈچۈن شەرئىي ئۆزۈر بولالمايدۇ.
رەببىمىز ئاللاھ تائالا شۇنداق دەيدۇ: (تەرجىمە مەنىسى): «كىمكى ئاللاھتىن قورقسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر چىقىش يولى بېرىدۇ ۋە ئۇنى كۈتمىگەن يەردىن رىزقلاندۇرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. ئاللاھ ھەرنەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن ئۆلچەم بەلگىلىدى» (سۈرە تالاق 2 ~ 3 – ئايەت).
سىزگە نەسىھەتىمىز شۇكى. ئۇلار بىلەن چىرايلىق ئۇسلۇبتا سۆزلىشىپ، نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈڭ. مۇھەققەقكى، «ساقالنى كامىل قويۇپ، بۇرۇتنى قىسقارتىش» رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇيرۇقىدۇر. بىر مۇسۇلماننىڭ ھەرقانداق بىر ئىنساننى رازى قىلىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىشى جائىز ئەمەس. تۆۋەندىكى ئايەتتە ئاللاھ تائالا بۇنى ئېنىق كۆرسەتكەن: (تەرجىمە مەنىسى): «پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلار پىتنىگە قېلىشتىن (مۇشرىك بولۇپ كېتىشتىن)، ياكى (ئۆلتۈرۈلۈش، جازاغا ئۇچراش، زالىمنىڭ قولىغا قېلىش، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغا قېلىشتەك) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن!» (سۈرە نۇر 63 – ئايەت)

[تەرجىماندىن ئىلاۋە: ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مەزكۇر ئايەتتىكى «پىتنە» كەلىمىسى توغرىسىدا شۇنداق دېگەن:

وقال الإمام أحمد: نظرت في المصحف فوجدت فيه طاعة الرسول صلى الله عليه وسلم في ثلاثة وثلاثين موضعا ثم جعل يتلواجعل يتلو: {فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَنْ تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ} وجعل يكررها ويقول: وما الفتنة الشرك لعله أن يقع في قلبه شيء من الزيغ فيزيغ قلبه، فيهلكه وجعل يتلو هذه الآية: {فَلا وَرَبِّكَ لا يُؤْمِنُونَ حَتَّى يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيْنَهُمْ}مرويات الامام احمد في التفسير برواية الفضل810
ئىمام ئەھمەد «مەن قۇرئاندا 33 ئورۇندا رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم گە ئىتائەت قىلىش توغرىلىق ئايەت كۆردۈم» دېگەندىن كېيىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇشقا باشلىدى: ﴿پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار پىتنىگە يولۇقۇشتىن، يا قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن﴾ دېگەن ئايەتتىكى {پىتنە} سۆزىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ پىتنە شېرىكتۇر. كىشى ئۇنىڭ (يەنى رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ) سۆزلىرىگە ئىتائەت قىلمىسا، قەلبىدە ئازغۇنلۇق پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھالاك بولۇپ كېتىدۇ، دېگەن سۆزىنى تەكرارلىدى. ئاندىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇشقا باشلىدى: {(ئى مۇھەممەد!)رەببىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ}[سۈرە نىسا 65- ئايەت] .

مەنبە: فەزل ئبنى زىياد: مەرۋىيات ئەھمەد 810- نومۇر.


مۇۋاپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر. دۇرۇد – سالاملار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلەرگە بولغاي.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار:
بىن باز
ئابدۇرازاق ئەفىفى
ئابدۇللاھ ئىبن غۇدەييان؛ ئابدۇللاھ ئىبن قائۇد

*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟