ئەللامە شەيخ ئىبن ئۇسەيمىن: ئىلىم ئۆگەنگۈچى ئۆگىنىش سەۋەبلىك دەۋەتكە سەل قارىماسلىقى كېرەك
ئەللامە
شەيخ ئىبن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھقا سوئال:
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
__
پەزىلەتلىك شەيخ، ئىلىم ئۆگىنىشى سەۋەبلىك دەۋەتكە ۋاقىت ئاجرىتالمايۋاتقان
تالىبۇل ئىلىملەر (ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەر) گە قانداق مەسلىھەتىڭىز بار.
شەيخنىڭ
جاۋابى: (شۇ دەۋەتنى قىلىشقا لازىم بولىدىغان زۆرۈر) ئىلىملەرنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ
قىلىنغان دەۋەتتە خەير يوق. يەنى (زۆرۈر) ئىلىمنىڭ يېتەرسىز بولۇشى دەۋەتتە نۇرغۇن
ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قېلىشقا سەۋەبچى بولىدۇ.
ئىلىم
تالىبىنىڭ ئىلىم ئۆگىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كىشىلەرنى ئاللاھ يولىغا دەۋەت قىلىشى
ۋاجىبتۇر. بىر ئىلىم تالىبىنى مەسجىدتىن يۈز ئۆرىگەن كىشىلەرنى ئاللاھ يولىغا
چاقىرىشتىن توسقان زادى نېمە؟ بەزى دۇنياۋى ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن
بازارلارغا چىقىپ، ئۇ يەردە ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرىگەن بىر
ئادەمنى ئۇچراتقىنىدا، قارشى تەرەپنى ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىشتىن ئۇنى توسقان
زادى نېمە؟
مەسىلىنىڭ
يىلتىزى شۇكى، سىز باشقىلارنىڭ ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ بىر بۇيرۇقىنى تەرك ئېتىپ
ئۆزىڭىزگە قارشى يولدا ماڭغانلىقىنى كۆرگىنىڭىزدە، ئۇنىڭغا غەزەپلىنىپ، ئۇنىڭدىن
ئۆزىڭىزنى چەتكە ئالىسىز ۋە ئۇنىڭ تۈزىلىشىدىن ئۈمىد ئۈزىسىز. ھالبۇكى، ئاللاھ
سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بىزگە دەۋەت يولىدا سەبىر قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
ئاللاھ تائالا
رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خىتاب قىلىپ شۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد!)
سەن ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر سەۋر قىلغاندەك سەۋر قىلغىن!» (سۈرە ئەھقاف 35 –
ئايەت). ئىنساننىڭ (دەۋەت يولىدا يەتكەن ئەرزىيەتلەرگە) سەبىر قىلىشى ۋاجىبتۇر. ئەگەر
بۇ يولدا ئەرزىيەت ۋە ھاقارەتلەرگە ئۇچرىسا، بىلسۇنكى، بۇ ئاللاھ يولىدا يەتكەن
ئەرزىيەتتۇر (ئىنشائاللاھ بۇنىڭ مۇكاپاتىمۇ ناھايىتى كاتتىدۇر، ت)
چۈنكى،
رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جىھادتا قولى قاناپ كەتكەندە مۇنداق دېگەنىدى: «سەن پەقەت قانىغان بىر بارماقسەن، ساڭا كەلگەن (ئەرزىيەت)نىڭ
ھەممىسى ئاللاھ ئۈچۈندۇر» (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئايرىم – ئايرىم ھالدا جىھاد
كىتابىدا رىۋايەت قىلغان).
__ ئىلىم
كىتابى 195 – بەت.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.