بىدئەت ئەمەللەرنىڭ چوڭىدىن بولغان «مەۋلۇد»قا ئاتاپ سويۇلغان مالنىڭ گۆشىنى يېيىشنىڭ ھۆكمى

سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات – دائىمىي پەتىۋا كومىتېتىنىڭ 10685 – نومۇرلۇق پەتىۋاسى


«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
1- سوئال: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەۋلۇتىغا (تۇغۇلغان كۈنىگە) ئاتاپ بوغۇزلانغان مالنىڭ گۆشىنى يېيىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: رەسۇلۇللاھنىڭ ياكى ۋەلىيلەرنىڭ مەۋلۇتىدا ئۇلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىش مەقسىتىدە مال ئۆلتۈرۈش ئاللاھتىن باشقا بىرى ئۈچۈن مال قۇربانلىق قىلىش بولۇپ، بۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. بۇنداق مالنىڭ گۆشىنى يېيىشكە بولمايدۇ. بۇنىڭ دەلىلى شۇكى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئاللاھ ئۆزىدىن غەيرىگە ئاتاپ مال بوغۇزلىغانلارغا لەنەت قىلدى» دېگەن. (سەھىھمۇسلىم 1978 – ھەدىس).
ئاللاھتىن تەۋپىق تىلەيمىز. دۇرۇد – سالاملار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلەرگە بولغاي.
 پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئەللامە ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز
ئابدۇرازاق ئەفىفى، ئابدۇللاھ ئىبن غۇدەييان.

*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟