ئاي - كۈنلەردىن ۋە قۇشلاردىن يامان بېشارەت ئېلىش خاتا
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ
تارقاتتى.
سوئال: ئاڭلىشىمىزچە، سەپەر ئېيىدە توي، خەتنە
قىلىش ۋە شۇنىڭ ئوخشاش ئىشلارنى قىلىش ياخشى ئەمەسمىش. بۇ ھەقتە، ئىسلام شەرىئىتى
ئاساسىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز. ئاللاھ سىلەرنى قوغدىسۇن!
جاۋاب: «سەپەر ئېيىدە توي، خەتنە قىلىشقا بولمايدۇ»
دېگەنلىك بۇ ئاينى «شۇم ئاي» دەپ قارىغانلىقتۇر. ئاي – كۈنلەردىن، قۇشلاردىن ۋە
باشقا ھايۋانلاردىن شۇم پال ئېلىش دۇرۇس ئەمەس.
بۇ ھەقتە، ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم
(ئاللاھ ئۇلارغا رەھىم قىلغاي) ئەبۇ ھۇرەيرە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)دىن
رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھنىڭ
ئىرادىسىسىز كېسەل يۇقمايدۇ. ھەرقانداق نەرسىدىن، ھوقۇشتىن، سەپەر ئېيىدىن شۇم پال ئېلىش يوقتۇر» دېگەن.
خۇلاسە، سەپەر ئېيىدىن شۇم پال ئېلىش خاتا. بۇ
جاھىلىيەت قىلىقلىرىدىن بولۇپ، ئىسلام بۇنى چەكلەيدۇ.
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ
ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئەللامە شەيخ بىن باز
ئابدۇرازاق ئەفىفى، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.