ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش نېمىلەرنى كۆرسىتىدۇ؟
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ
- سانا رەببىمىز ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.
ئاللاھ سىزنى
ھەرۋاقىت ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشقا نېسىپ قىلسۇن. بىلىڭكى، ئەي قېرىندىشىم:
ئاخىرەت كۈنىگە
ئىمان ئېيتىش __ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد صلى الله عليه وسلم (ئاخىرەت
ھەققىدە) بەرگەن ھەرقانداق خەۋەرگە ئىشىنىش ۋە ئۆلگەندىن كېيىن مەيدانغان كېلىدىغان
ھەرئىشنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىگە شەك قىلماسلىقتۇر.
بۇ __ قىيامەت
قايىم بولۇشتىن ئىلگىرى كۆرۈلىدىغان قىيامەت ئالامەتلىرى؛ ئۆلۈم ئەسناسىدىكى ئەھۋالاتلار،
قەبىردىكى ئازاب ۋە نېمەتلەر؛ سۇرنىڭ چېلىنىشى،
ئۆلگەندىن كېيىنكى تەكرار تىرىلدۈرۈلۈش؛
قىيامەت كۈنىدىكى دەھشەت ۋە ئۇ كۈنى يۈز بېرىدىغان
كاتتا ۋەقەلەر؛ مەھشەرگاھ ۋە مەخلۇقاتلاردىن ئېلىنىدىغان ھېسابنىڭ تەپسىلاتى؛ ئەڭ كاتتا
نېمەت بولغان ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەننەت نېمەتلىرى؛ ئەڭ
ئېغىر جازا بولغان ئاللاھنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوزاخ ئازابلىرى
قاتارلىقلارغا ئىمان كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھەممىدىن مۇھىمى،
مۇشۇلارغا ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ ئىمانغا مۇناسىپ ئەمەل قىلىشتۇر.
ئەگەر ئاخىرەتكە
بولغان ئىمان بىر بەندىنىڭ قەلبىگە ھەقىقىي يەرلەشسە، بۇ ئۇنىڭغا نۇرغۇن مەنپەئەتلەرنى
ئېلىپ كېلىدۇ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى، ئىنسان
ئىبادەتلەرنى ئىشتىياق بىلەن، ئىنتىلىپ تۇرۇپ قىلىدىغان، جۈملىدىن قىيامەت كۈنى
ئۆزىگە ئەسقاتىدىغان
ساۋابلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىدىغان بولىدۇ.
ئىككىنچىسى،
ئۇ قىيامەت كۈندىكى جازادىن قورقۇپ، گۇناھلاردىن يىراق تۇرىدىغان بولىدۇ.
ئۈچىنچىسى، ئىنسان
(ئەگەر ئاللاھ رازىلىقىنى ئىزدەپ، سۈننەتكە ئۇيغۇن ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرغاندا) ئاخىرەتتە قولغا كەلتۈرىدىغان
نېمەتلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا ھاياتىدا مەھرۇم قالغان نەرسىلەر ئۈچۈن ئاھ
ئۇرمايدىغان بولىدۇ.
ئۇلۇغ رەببىمىز
ئاللاھ بىزگە ھەقىقىي، مۇستەھكەم ئىمان ئاتا قىلسۇن، ئامىن!
بۇ ھەقتە تېخىمۇ
تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئەللامە ئىبن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ «الأصول الثلاثة» شەرھىنىڭ
98 ~ 103 - بەتلىرىنى ئوقۇڭ.
ئاللاھ ئەڭ ياخشى
بىلگۈچىدۇر.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.