ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆلۈم بولغان كۈنى، ياكى 40 - كۈنى، ياكى يىل خاتىرە كۈنىدە باشقىلارنى تاماققا چاقىرىشى بىدئەت

دۇنياغا مەشھۇر ئىسلامىي پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى»دىكى 220923 – نومۇرلۇق پەتىۋا.
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

سوئال: ئەتراپىمىزدىكى ئىنسانلار ئۆلگەنلەرنىڭ ۋاپاتىنىڭ 40 – كۈنىدە ئالاھىدە تاماق ئېتىپ باشقىلارنى چاقىرىدۇ. بىز بۇنى ھارام دەپ قارايمىز ھەم شۇ سەۋەبتىن بۇنداق سورۇنلارغىمۇ بارمايمىز. ئەمما، ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىدىن بولغان بەزى قوشنىلىرىمىز شۇ سورۇننىڭ تامىقىنى ئالغاچ كېلىپ، بالىلىرىمغا تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ. مەن چەت ئەللىك بولغاچقا، بۇلارنىڭ تىلىدا سۆزلىشەلمەيمەن. ئەمما، ئۆز نۆۋىتىدە بۇ يېمەكنى قايتۇرۇۋېتىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشنىمۇ خالىمىغاچقا، بۇ تاماقلارنى قېينىئانامغا بەردىم ۋە بۇ يېمەكلەرنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇلارنى يا ھايۋانلارغا بېرىۋېتىشنى، يا بولمىسا ئاشۇ نەزىر ئىگىلىرىگە قايتۇرۇۋېتىشنى ھاۋالە قىلدىم. ئەمما، قېينىئانام دېگىنىمدەك قىلماي، «ئۆلۈكنىڭ قىرقىنى خاتىرلەشنىڭ خاتالىقىدا شەك يوق، ئەمما بۇ تاماق ئۇ سەۋەبلىك ھارام بولۇپ كەتمەيدۇ» دەپتۇ.
مەن مۇشۇ تاماقنىڭ ھۆكمىنى سىلىدىن سورىماقچى. بۇ تاماقنى يېيىشكە بولامدۇ؟ ئەگەر يېيىشكە بولمىسا، ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ تاماقنى باشقا بىرسىگە بەرسەم، ئۇ بۇنى يېسە، ماڭىمۇ گۇناھى بولامدۇ؟

جاۋاب: بارچە ھەمدۇ – سانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر.
بىرىنچىدىن، بىر ئۆيدە ئۆلۈم بولغاندا، سۈننەت شۇكى __ قوشنىلىرى ۋە يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرى يېمەك ھازىرلاپ، بۇنى ئۆلۈم بولغان ئۆيگە ئاپىرىشى كېرەك.
چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سابىت بولغىنى شۇكى، رەسۇلۇللاھنىڭ نەۋرە تۇغقىنى جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىب (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)نىڭ مۇتئە غازىتىدا شېھىد بولغانلىق خەۋىرى رەسۇلۇللاھقا كەلگەندە، رەسۇلۇللاھ: «جەئفەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن تاماق تەييارلاڭلار، چۈنكى ئۇلارغا ئۇلارنى ئالدىرىش قىلىپ قويىدىغان ئىش (يەنى ئۆزى ئۈچۈن تاماق ئېتىشكە ھەپسىلىسى قالمايدىغان ئۆلۈم خەۋىرى) كەلدى» دېدى. [ئىمام تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان ۋە ھەسەن دېگەن. ئىمام ئەبۇداۋۇد، ئىمام ئىبن ماجە (ئاللاھ ئۇلارغا رەھىم قىلغاي) رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئىبنى كەسر ۋە ئىمام ئەلبانى ھەسەن دېگەن].

ئىمام شافىئىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلغاي) بۇ ھەقتە شۇنداق دېگەن: «ئۆلگۈچىنىڭ قوشنىلىرى ياكى يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ ئۆلۈم بولغان كۈندە ۋە شۇ كۈنى كېچىدە تاماق ھازىرلاپ، ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قورسقىنى تويغۇزۇشى مەن ئۈچۈن سۆيۈملۈكتۇر. چۈنكى بۇ سۈننەتتۇر. شۇنداقلا، بىزدىن ئىلگىرىكى ۋە بىزدىن كېيىنكى ياخشىلىق ساھىبلىرىنىڭ گۈزەل ئادەتلىرىدىن بىرىدۇر» __ «ئەلئۇم» 1 – جىلىد 317 – بەت.

ئىبن قۇدامە (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلغاي) بۇ ھەقتە شۇنداق دېگەن: «ئۇلارغا (ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا) ياردەم بېرىش ۋە كۆڭلىگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن، ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تاماق ئاپىرىش مۇستەھەبتۇر. چۈنكى، ئۇلار بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت ۋەجىدىن، شۇنداقلا ئۆيگە تەزىيە بىلدۈرۈپ كەلگەنلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزى ئۈچۈن تاماق ئېتەلمەي قالىدۇ» __ «ئەلمۇغنى» 3 – جىلىد 496 – بەت.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 213425 – نومۇرلۇق پەتىۋاغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

ئىككىنچىدىن، كۆپچىلىك ئالىملار ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ (تەزىيەگە كەلگەن) كىشىلەر ئۈچۈن تاماق ھازىرلىشىنى كەرىھ (چىركىن، ناچار ئىش) دەپ قارىغان. بۇ تاماقنىڭ ئۆلۈم بولغان تۇنجى كۈندە، تۆتىنچى، يەتىنچى، قىرىقىنچى كۈندە ياكى بىر يىللىق خاتىرە كۈنىدە ھازىرلىنىشى ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق، ھەممىسى ئوخشاشلا ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك، ناچار ئىشلاردىن، بىدئەتلەردىندۇر.

ھەنەفىي ئالىم ئىبنى ھۇمام (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلغاي) بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەزىيەگە كەلگەنلەر ئۈچۈن تاماق ھازىرلىشى ئۆچ كۆرۈلىدىغان ئىشتۇر. چۈنكى، يېمەك زىياپىتى خۇشاللىق ئىشلار ئۈچۈن بېرىلىدۇ. قايغۇ – ھەسرەتلىك كۈنلەردە توغرا كۆرۈلمەيدۇ. شۇ بائىستىن، بۇ قىلىق ناچار بىدئەتلەردىندۇر» __ «فەتھۇل قادىر» 2- جىلىد 142 – بەت.

مالىكىي ئالىم خەتتاب (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلغاي) بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەزىيەگە كەلگەنلەر ئۈچۈن تاماق ھازىرلىشى ۋە تەزىيەگە كەلگەنلەرنى بىر يەرگە توپلىشىنى بەزى ئالىملار كەرىھ كۆرگەن ۋە بۇنى بىدئەت دەپ پەتىۋا بەرگەن. چۈنكى، ئۆلۈم قايغۇسى بولۇۋاتقان يەر تاماق زىياپىتى بېرىلىدىغان يەر ئەمەس» __ «انتهى من "مواهب الجليل في شرح مختصر خليل»

ئىمام نەۋەۋى  (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلغاي) بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەزىيەگە كەلگەنلەر ئۈچۈن تاماق ھازىرلىشى ۋە تەزىيەگە كەلگەنلەرنى بىر يەرگە توپلىشىغا كەلسەك، بۇ ئىشنى رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابىلەرنىڭ قىلغانلىقىغا ھېچقانداق دەلىل بولمىغاچقا، بۇ بىر بىدئەتتۇر» "روضة الطالبين" (2/145)

ئىبن قۇدامە (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلغاي) مۇنداق دېگەن: «ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەزىيەگە كەلگەنلەر ئۈچۈن تاماق ھازىرلىشى مەكرۇھتۇر. چۈنكى، بۇ ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مۇسىبەت قايغۇسىنى ئاشۇرۇش، جاپا ئۈستىگە جاپا سېلىشتۇر. يەنە كېلىپ، بۇ جاھىلىيەت ئەرەبلىرىنىڭ قىلىقىنى دورىغانلىقتۇر» "المغني" (3/ 497).

شەيخۇل ئىسلام ئىبن تەيمىيە (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلغاي) مۇنداق دېگەن: «ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تاماق ئېتىپ، كىشىلەرنى تاماققا چاقىرىشى خاتا. بۇ بىدئەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھەتتا، جەرىر ئىبن ئابدۇللاھ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) بۇ ھەقتە شۇنداق دېگەن:
__ «بىز ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىگە توپلىنىشنى ۋە ئۆلگۈچى دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كىشىلەرگە تاماق بېرىشىنى، ئۆلگۈچى ھەققىدە پەرياد – پىغان توۋلاپ نالە قىلىش بىلەن تەڭ گۇناھ دەپ قارايتتۇق» ئىمام ئەھمەد، ئىمام تىرمىزى ۋە ئىمام ئىبن ماجە (ئاللاھ ئۇلارغا رەھىم قىلغاي) رىۋايەت قىلغان.
پەقەت، بۇ جەھەتتە مۇستەھەب شۇكى، بىراۋ ۋاپات بولغاندا، كىشىلەر تاماق ھازىرلاپ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە يەتكۈزۈشى كېرەك» "مجموع الفتاوى" (24/316).

سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات ۋە دائىمىي پەتىۋا كومىتېتى بۇ ھەقتە شۇنداق پەتىۋا بەرگەن: «ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەزىيەگە كەلگەنلەر ئۈچۈن تاماق ھازىرلىشى ۋە بۇنى بىر ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىشىغا كەلسەك، بىلىشىمىزچە، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭ راشىد خەلىپىلىرىدىن بۇنداق بىر ئىش سادىر بولغان ئەمەس. ئەكسىچە، بۇ تەرك ئېتىلىشى زۆرۈر بولغان بىدئەت ئىشتۇر. چۈنكى، بۇ ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ جاپاسىغا جاپا قاتقانلىقتۇر. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ قىلىق جاھىلىيەت ئەرەبلىرىنى دورىغانلىق ۋە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭ راشىد خەلىپىلىرىنىڭ يولىدىن يۈز ئۆرىگەنلىكتۇر» سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات ۋە دائىمىي پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋالىرى 9 – جىلىد 145 – بەت.

يەنە سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات ۋە دائىمىي پەتىۋا كومىتېتى بۇ ھەقتە شۇنداق پەتىۋا بەرگەن: «دەۋرىمىزدە كۆرۈلۈۋاتقان ئىشلاردىن، ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆلۈم بولغان كۈنى ياكى قىرىقىنچى كۈنى (ياكى يىل توشقان كۈنى) كىشىلەرگە تاماق بېرىشىنىڭ دىندا ھېچقانداق ئاساسىي يوق. ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەگەر ئۆلگۈچىنىڭ نامىدا (غېرىپ – غۇربالارغا) تاماق بەرمەكچى بولسا، بۇنى (قىرىقىنچى، يىل كۈنى دېگەنگە ئوخشاش) مەخسۇس بىر كۈنگە خاس قىلىۋالماسلىقى كېرەك. ئەگەر شۇ تاماققا كېتىدىغان پۇلنى پېقىرلارغا بىۋاسىتە بەرسە بۇنىڭ ئەجرى تېخىمۇ كاتتا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ رىيادىن تېخىمۇ يىراق، پېقىرلارغا تېخىمۇ پايدىلىق ۋە كاپىرلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن تېخىمۇ يىراقتۇر» __ سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات ۋە دائىمىي پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋالىرى 9 – جىلىد 149 – بەت.

تۆت مەزھەپ ئالىملىرى بۇ ئىشنىڭ (يەنى ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆلۈم بولغاندىن كېيىنكى 40 – ياكى يىل توشقان كۈندە تاماق بېرىشىنى) مەكرۇھ ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن. ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرى يۇقىرىدا قەيت قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە تەكرارلىمايمىز. ھالبۇكى، بەزى ئالىملار بۇ ئىشنى ھارام دەپ پەتىۋا بەرگەن.

ئىبنى مۇفلىھ (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلغاي) مۇنداق دېگەن: «بۇ ھارامدۇر. ئىمام ئەھمەد بۇنى كەرىھ كۆرگەن ۋە «بۇ قىلىقنى ياقتۇرمايمەن» دېگەن».
جافەر شۇنداق دېگەن: «ئىمام ئەھمەد ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ (40 – ياكى يىل توشقان كۈنىگە ئوخشاش كۈنلەردە) كىشىلەرگە تاماق بېرىشىگە رۇخسەت بەرمىگەن».
مەررۇزى مۇنداق دېگەن: «ئىمام ئەھمەد: «بۇ (يەنى ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆلۈم بولغان كۈنى، ياكى 40 – ياكى يىل توشقان كۈندە تاماق بېرىشى) جاھىلىيەت قىلىقلىرىدىندۇر» دېگەن ۋە بۇ ئىشنى قەتئىي رەت قىلغان» الفروع" (3/408)

ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەزىيەگە كەلگەنلەرگە يېگۈزۈش ئۈچۈن تاماق ھازىرلىشى مەكرۇھ بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ تاماقتىن يېيىشمۇ مەكرۇھتۇر. ئەگەر شۇ يېمەككە مىراستىن نېسىۋىسى بار كىچىك بالىلارنىڭ مېلىدىن خىراجەت قىلىنغان بولسا، بۇ تاماقنى يېيىش ھارام بولىدۇ.



ئىبن ھەجەر ھەيسەمى (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلغاي) بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن ھازىرلانغان ۋە ھازىرلىنىشى ئادەتكە ئايلانغان تاماق ناچار بىدئەتتۇر ۋە كىشىلەرنىڭ شۇ تاماققا ھازىر بولۇشىمۇ ئوخشاش ھۆكۈمدىدۇر» "تحفة المحتاج" (3/207).

*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟