ئەللامە شەيخ ئەلبانى: سۈننەتنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ـــ ھەدىس ئىنكارچىلىرىغا رەددىيە

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

كىرىش سۆز
ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر. دۇرۇت ۋە سالام ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا، ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن.
بۇ ھىجرىيەنىڭ 1392 – يىلى مۇبارەك رامزان ئېيىدا قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا سۆزلىگەن بىر لېكسىيەمدۇر. مەزكۇر لېكسىيەنىڭ ئىچىدىكى بەزى مۇھىم مەنپەئەتلىك مەزمۇنلار ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ خىل نەرسىلەرگە بولغان ئېھتىياجى تۈپەيلى، بەزى قېرىنداشلىرىمىز بۇ لېكسىيەنىڭ يازما شەكىلدە بېسىپ تارقىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى. مەنمۇ بۇ لېكسىيەدىن مەنپەئەت ئالغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن ئۇنى نەشر قىلدۇردۇم. ئوقۇرمەنلەرگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مۇئەييەن بۆلەكلەرنىڭ بېشىغا شۇ بۆلەكنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بەزى ماۋزۇلارنى قوشتۇم.
ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەدىن مېنى دىنىنى قوغدىغان ۋە شەرىئىتىگە ياردەم بەرگەن قۇللىرىدىن قىلىشىنى ۋە مېنى شۇ يول ئۈستىدە سابىت قىلىشىنى تىلەيمەن. شۈبھىسىزكى، ئۇ ياردەم تەلەپ قىلىنغۇچىلارنىڭ ئەڭ سېخىيسىدۇر.
ھىجرىيە 1394 – يىلى مۇھەررەم ئېيىنىڭ 22 – كۈنى، دەمەشىق.
مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى.

سۈننەتنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ۋە سۈننەتنى قايرىپ قويۇپ قۇرئان بىلەن كۇپايىلىنىشكە بولمايدىغانلىقىنىڭ بايانى
شۈبھىسىزكى، ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھقا ھەمدۇ ئېيتىمىز، ئۇنىڭدىن ياردەم ۋە مەغفىرەت تىلەيمىز. نەپسىمىزنىڭ شەررىدىن، ئەمەللىرىمىزنىڭ يامانلىقلىرىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ، ئاللاھ ھىدايەت قىلغۇچىنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ. شۇنداق شاھادەت ئېيتىمەنكى، ئاللاھتىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر. يەنە شاھادەت ئېيتىمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ قۇلى ۋە ئەلچىسىدۇر.

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِ وَلا تَمُوتُنَّ إِلاَّ وَأَنْتُمْ مُسْلِمُونَ﴾«ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن لايىق رەۋىشتە قورقۇڭلار ۋە پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلاردا ۋاپات بولۇڭلار» [سۈرە بەقەرە 102 – ئايەت].
﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمْ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ وَخَلَقَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَبَثَّ مِنْهُمَا رِجَالاً كَثِيراً وَنِسَاءً وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي تَتَسَاءَلُونَ بِهِ وَالأَرْحَامَ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلَيْكُمْ رَقِيباً﴾ «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر ـ ئاياللارنى ياراتقان رەببىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر ـ بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار، سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر» [سۈرە نىسا 1- ئايەت].

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَقُولُوا قَوْلاً سَدِيداً (70) يُصْلِحْ لَكُمْ أَعْمَالَكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَمَنْ يُطِعْ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ فَازَ فَوْزاً عَظِيماً (71)﴾ « ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار [70]. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ (يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ)، گۇناھلىرىڭلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ [71]» [سۈرە ئەھزاب 70 ~ 71 – ئايەت].

يۇقىرىقىلاردىن كېيىن، شۈبھىسىز سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئاللاھنىڭ كالامى، يوللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەد (سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ يولىدۇر. ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى (دىندا) كېيىن پەيدا بولغانلىرىدۇر. (دىندا) كېيىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر ۋە ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر. ھەرقانداق ئازغۇنلۇق دوزاختىدۇر.
مۇھەققەقكى، مەن بۈيۈك ئالىملار ۋە پەزىلەتلىك ئۇستازلار ئىشتىراك قىلغان بۇ قىممەتلىك مەجلىستە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇلار بىلمەي قالغان يېڭى بىر تېمىنى تەقدىم قىلىشنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن.
ئەگەر يۇقىرىقى قارىشىم توغرا بولسا، مېنىڭ بۈگۈنكى بۇ سۆزلىرىمدە ئاللاھ تەبارەكە ۋەتەئالانىڭ ﴿وَذَكِّرْ فَإِنَّ الذِّكْرَى تَنفَعُ الْمُؤْمِنِينَ﴾«ۋەز – نەسىھەت قىلغىن! ھەقىقەتەن ۋەز – نەسىھەت مۇئمىنلەرگە پايدىلىق» دېگەن بۇيرۇقىغا بىنائەن، نەسىھەت قىلغۇچىلاردىن بولۇشۇم كۇپايىدۇر.
مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ بۇ مۇبارەك كېچىسىدىكى لېكسىيەمنى مۇرشىد ۋە ۋائىزلارنىڭ ئادىتىدىكىدەك، رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى ۋەھاكازالار توغرىسىدا ئەمەس، بەلكى دىنىمىزنىڭ ئۇللىرىدىن بىرى بولغان «ئىسلام شەرىئىتىدە سۈننەتنىڭ ئەھمىيىتى»دىن ئىبارەت ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر تېما ھەققىدە سۆزلەشنى لايىق تاپتىم.

سۈننەتنىڭ قۇرئاننىڭ يېنىدىكى ۋەزىپىسى
ھەممىڭلارغا مەلۇمكى، ئاللاھ تەبارەكە ۋەتەئالا مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى پەيغەمبەرلىككە تاللاپ، ئۇنىڭغا كىتابى قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغان ۋە رەسۇلۇللاھقا بۇيرۇغان ئىشلارنىڭ قاتارىدا رەسۇلۇللاھنى ئىنسانلارغا قۇرئاننى بايان قىلىشقا بۇيرۇغان. ئاللاھ تەئالا بۇ ھەقتە شۇنداق دەيدۇ:
﴿وَأَنزَلْنَا إِلَيْكَ الذِّكْرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيْهِمْ﴾ « بىز سېنىڭ ئىنسانلارغا ئۇلارغا نازىل قىلىنغان نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلدۇق» [سۈرە نەھل 44 – ئايەت].
مەن بۇ ئايەتى كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان «بايان» ئىككى تۈرلۈك دەپ قارايمەن:
بىرىنچىسى: قۇرئاننىڭ لەۋزىنىڭ بايانىدۇر. بۇ قۇرئان كەرىمنى ئاللاھ تەئالا رەسۇلى مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەلبىگە نازىل قىلغان شەكىلدە بايان قىلىشنى، ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىنى يوشۇرماي ئۈممەتكە بىلدۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ تۆۋەندىكى بۇيرۇقىدا مەقسەت قىلىنغان مەنە ئەنە شۇدۇر.
﴿يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ بَلِّغْ مَا أُنزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ﴾ «ئى پەيغەمبەر! ساڭا رەببىڭدىن نازىل قىلىنغان نەرسىلەرنى تەبلىغ قىل!» [سۈرە مائىدە 67 – ئايەت].
ھەقىقەتەن، ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھا: «كىم سىلەرگە مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ ئۇنى تەبلىغ قىلىشقا بۇيرۇغان بىر ئىشنى يوشۇرغان دېسە، بىلىڭلاركى ئۇ ئاللاھقا چوڭ تۆھمەت چاپلىغان بولىدۇ» دېگەن ۋە يۇقىرىدىكى ئايەتنى ئوقۇغان. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن «ئەگەر رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەبلىغ قىلىشقا بۇيرۇلغان بىرەر نەرسىنى يوشۇرماقچى بولسا ئىدى، ئاللاھ تەئالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزىنى يوشۇرغان بولاتتى (ئەمما، ئۇ ھېچ نەرسىنى يوشۇرغان ئەمەس، ت).
﴿وَإِذْ تَقُولُ لِلَّذِي أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِ وَأَنْعَمْتَ عَلَيْهِ أَمْسِكْ عَلَيْكَ زَوْجَكَ وَاتَّقِ اللَّهَ وَتُخْفِي فِي نَفْسِكَ مَا اللَّهُ مُبْدِيهِ وَتَخْشَى النَّاسَ وَاللَّهُ أَحَقُّ أَنْ تَخْشَاهُ﴾ « ئۆز ۋاقتىدا سەن ئاللاھ نېمەت بەرگەن، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: «خوتۇنۇڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، ئاللاھتىن قورققىن!» دېدىڭ، ئاللاھ ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ، كىشىلەرنىڭ تەنە قىلىشىدىن قورقتۇڭ، ئاللاھتىن قورقۇشۇڭ ئەڭ ھەقلىق ئىدى» [سۈرە ئەھزاب 37 – ئايەت].

ئىككىنچىسى: ئۈممەت شەرھلىنىشىگە موھتاج بولغان لەۋز، جۈملە ۋەياكى ئايەتنىڭ مەنىسىنىڭ بايان قىلىنىشىدۇر. بۇنىڭ زور بىر قىسمى مۈجمەل، ئومۇمىي ۋە مۇتلەق شەكىلدىكى ئايەتلەر ھەققىدە بولۇپ، مانا مۇشۇ يەردە سۈننەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە ئايەتلەردىكى مۈجمەللىكنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ، ئام (ئومۇمىي)دىن خاسنى چىقىرىدۇ، مۇتلەق شەكىلدە بايان قىلىنغاننى كونكرېتلاشتۇرىدۇ. پۈتۈن بۇلار رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى بىلەن بايان قىلىنغىنىدەك، ئۇنىڭ پېئىلى ۋە ئېتىراپى (سۈكۈتى) بىلەنمۇ بولىدۇ.

قۇرئاننى چۈشىنىشتە سۈننەتنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار مىساللار
ئاللاھ تەئالانىڭ شۇ بۇيرۇقى بۇنىڭغا ياخشى مىسال بولالايدۇ:
﴿وَالسَّارِقُ وَالسَّارِقَةُ فَاقْطَعُوا أَيْدِيَهُمَا
«ئوغرىلىق قىلغان ئەرلەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغان ئاياللارنىڭ قوللىرىنى كېسىڭلار» [سۈرە مائىدە 38 – ئايەت].
بۇ ئايەتتە «ئوغرى» لەۋزى ۋە «قول» لەۋزى مۇتلەق شەكىلدە كەلگەن. سۈننەتتە بولسا، بۇ ئايەتتىكى «ئوغرى» كەلىمىسى «دىنارنىڭ تۆتتىن بىرى (ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ نەرسە)نى ئوغرىلىغۇچى» دېگەن شەرت بىلەن كونكرېتلاشتۇرۇلغان. دەرۋەقە، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دېگەن: «ئوغرىنىڭ قولى پەقەت دىنارنىڭ تۆتتىن بىرى ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ نەرسە ئۈچۈن كېسىلىدۇ». بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھىھ توپلاملىرىدا بايان قىلغان.
ئايەتتىكى «قول» كەلىمىسىگە كەلسەك، بۇمۇ رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پېئىلى، ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارنىڭ پېئىلى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلەرنىڭ پېئىللىرىگە سۈكۈت قىلىشى شەكلىدە بايان قىلىنغان. ھەقىقەتەن، ئۇلارنىڭ ئوغرىنىڭ قولىنى بېغىشتىن كەسكەنلىكى ھەدىس كىتابلىرىدىن مەلۇمدۇر. بۇنىڭدىن سىرت، تەيەممۇم ھەققىدىكى شۇ ئايەتمۇ بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ:
﴿فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيداً طَيِّباً فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ مِنْهُ
«ئەگەر سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار. ئۇنىڭ بىلەن قولۇڭلارغا، يۈزۈڭلارغا مەسھى قىلىڭلار» [سۈرە مائىدە 6 – ئايەت].
بۇ ئايەتى كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان «قول ۋە يۈزگە تەيەممۇم قىلىش» ئىبارىسى سۈننەتتە «يۈز ۋە ئىككى ئالقان ئۈچۈن قولنى توپىغا بىر قېتىم ئۇرۇش» دەپ بايان قىلىنغان. بۇ ھەقتە ئىمام ئەھمەد، ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم ۋە باشقا مۇھەددىسلەر ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان[1].

ئەمدى، سۈننەتكە تايانماي تۇرۇپ ئاللاھ تەئالانىڭ مەقسىتىنى توغرا چۈشىنىش مۇمكىن بولمايدىغان بەزى ئايەتلەرنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمەن:
1. ئاللاھ تەئالا شۇنداق دېگەن:
﴿الَّذِينَ آمَنُوا وَلَمْ يَلْبِسُوا إِيمَانَهُمْ بِظُلْمٍ أُوْلَئِكَ لَهُمْ الأَمْنُ وَهُمْ مُهْتَدُونَ
«ئازابتىن ئەمىن بولۇش ئىمان ئېيتقان، ئىمانىغا زۇلۇمنى ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە مەنسۇپتۇر، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر» [سۈرە ئەنئام 82 – ئايەت].
بۇ ئايەتى كەرىمدىكى «زۇلۇم» كەلىمىسىنى رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي) «چوڭ – كىچىك ھەرقانداق زۇلۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دەپ (لۇغەت مەنىسىدە) چۈشىنىۋالغان ھەم شۇ ۋەجىدىن بۇ ئايەت ئۇلارغا ئېغىر كېلىپ، «يا رەسۇلۇللاھ! قايسىمىز ئىمانىمىزغا زۇلۇم ئارىلاشتۇرمايمىز؟[2]» دېيىشكەن. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنىڭغا جاۋابەن: «بۇ سىلەرنىڭ ئويلىغىنىڭلاردەك ئەمەس. بۇ (ئايەتتىكى) «زۇلۇم»دىن كۆزدە تۇتۇلغىنى شېرىكتۇر. سىلەر لوقماننىڭ ئوغلىغا ئېيتقان سۆزىنى ئاڭلىمىدىڭلارمۇ؟ (لوقمان ھەكىم ئوغلىغا شۇنداق دېگەن)
﴿يَا بُنَيَّ لا تُشْرِكْ بِاللَّهِ إِنَّ الشِّرْكَ لَظُلْمٌ عَظِيمٌ
«ئى ئوغۇلچىقىم، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ زۇلۇمدۇر» دېدى» [سۈرە لوقمان 13 – ئايەت].
بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم ۋە باشقا مۇھەددىسلەر توپلىغان.

2. ئاللاھ تەئالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ:
﴿وَإِذَا ضَرَبْتُمْ فِي الأَرْضِ فَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَنْ تَقْصُرُوا مِنْ الصَّلاةِ إِنْ خِفْتُمْ
«سەپەرگە چىققان ۋاقتىڭلاردا كاپىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇپ، نامازنى قەسرى قىلىپ (يەنى تۆت رەكئەتنى ئىككى رەكئەت قىلىپ) ئوقۇساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ» [سۈرە نىسا 101 – ئايەت].
ئاللاھ تەئالانىڭ يۇقىرىقى سۆزىنىڭ زاھىرىدىن سەپەردە نامازنى (قىسقارتىپ) قەسىر قىلىپ ئوقۇش ئۈچۈن قورقۇنچنىڭ شەرت ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بەزى ساھابىلەر رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە «(ھازىر) خاتىرجەملىككە ئېرىشكەن تۇرۇقلۇق، نېمىشقا يەنە نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇيمىز؟» دەپ سورىغان. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن سەدىقىسىدۇر. ئاللاھنىڭ سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىڭلار» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

3. ئاللاھ تائالا شۇنداق دېگەن:
﴿حُرِّمَتْ عَلَيْكُمْ الْمَيْتَةُ وَالدَّمُ
«سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان ... ھارام قىلىندى» [سۈرە مائىدە 3 – ئايەت].
سۈننەتتە بۇ ئايەتى كەرىمدىكى «ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان»دىن «چېكەتكە بىلەن بېلىق»، «قان»دىن «تال بىلەن جىگەر» ئايرىپ چىقىلىپ، بۇلارنىڭ يۇقىرىقى چەكلىمىلەردىن ئايرىم ھالدا ھالال ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. ھەقىقەتەن، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىزگە ئىككى ئۆلۈك ۋە ئىككى قان ھالال قىلىندى. ئىككى ئۆلۈك ـــ چېكەتكە بىلەن بېلىق؛ ئىككى قان بولسا تال بىلەن جىگەردۇر» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام بەيھەقى ۋە باشقا مۇھەددىسلەر مەرفۇئ (تېكىستى رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئائىت ھەدىس، ت) ۋە مەۋقۇف (سۆز ياكى ھەرىكەت ساھابىلەرگە ئائىت بولغان ھەدىس، ت) شەكىللەردە رىۋايەت قىلغان. مەۋقۇف ئىسنادى سەھىھ بولۇپ، مەرفۇئ ھۆكۈمدىدۇر. چۈنكى، بۇ رەي بىلەن ئېيتقىلى بولىدىغان سۆز ئەمەس.

4. ئاللاھ تەئالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزىمۇ مۇشۇ تۈردىندۇر:
﴿قُلْ لا أَجِدُ فِي مَا أُوحِيَ إِلَيَّ مُحَرَّماً عَلَى طَاعِمٍ يَطْعَمُهُ إِلاَّ أَنْ يَكُونَ مَيْتَةً أَوْ دَماً مَسْفُوحاً أَوْ لَحْمَ خِنزِيرٍ فَإِنَّهُ رِجْسٌ أَوْ فِسْقاً أُهِلَّ لِغَيْرِ اللَّهِ بِهِ
«ئېيتقىنكى، ماڭا ۋەھيى قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسە ياكى ئېقىپ چىققان قان ۋە ياكى چوشقا گۆشى ـــــ چوشقا نىجىس يېمەكلىكلەرگە ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن چوشقا گۆشى پاسكىنىدۇر ــ ۋە ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان گۇناھ مالدىن غەيرىينى ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن ھارام كۆرمەيمەن» [سۈرە ئەنئام 145 – ئايەت].
بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنمىغان نۇرغۇن ھايۋانلار سۈننەت ئارقىلىق ھارام قىلىنغان. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەگەن چىشى بار ھەرقانداق يىرتقۇچ ھايۋان ۋە پەنجىلىك ھەرقانداق يىرتقۇچ قۇش  ھارامدۇر» دېگەن. بۇ ھەقتە باشقا ھەدىسلەرمۇ بار. يەنە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر كۈنى ئەبۇتەلھە رەزىياللاھۇ ئەنھۇغا: «مۇھەققەقكى، ئاللاھ ۋە رەسۇلى سىلەرنى ئۆي ئېشەكلىرىنىڭ گۆشىدىن چەكلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ گۆشلەر نىجىستۇر» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم توپلىغان.

5. ئاللاھ تەئالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزىمۇ شۇ تۈردىندۇر:
﴿قُلْ مَنْ حَرَّمَ زِينَةَ اللَّهِ الَّتِي أَخْرَجَ لِعِبَادِهِ وَالطَّيِّبَاتِ مِنْ الرِّزْقِ
«ئېيىتقىنكى، ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟» [سۈرە ئەئراف 32 – ئايەت].
(بۇ ئايەتنىڭ لەۋزىدىن «زىننەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نورمال بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلارغا ھالال» دېگەن مەنە چىقىدۇ، ئەمما) بۇ ئايەتتىن مۇستەسنا ھالدا، چەكلەنگەن بەزى زىننەت بۇيۇملىرى سۈننەتتە كونكرېت بايان قىلىنغان. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى بىر قولىدا يىپەك، يەنە بىر قولىدا ئالتۇن بار ھالەتتە ساھابىلىرىنىڭ يېنىغا چىقتى ۋە «بۇ ئىككىسى ئۈممىتىمنىڭ ئەركەكلىرىگە ھارام، ئاياللىرىغا ھالالدۇر» دېدى. بۇ ھەدىسنى ئىمام ھاكىم توپلىغان ۋە سەھىھ دېگەن. بۇ مەزمۇندا «سەھىھۇل بۇخارى»، «سەھىھۇل مۇسلىم»دا ۋە باشقا ھەدىس كىتابلىرىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بار.

قېرىندىشىم! يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بۇ مىساللار سۈننەتنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدىكى ئەھمىيىتىنى ئوپئوچۇق ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ يەردە تىلغا ئالمىغان ئايەتلەرنى دېمەيلا تۇرايلى، يۇقىرىدا مىسال كەلتۈرگەن ئايەتلەردىنلا شۇ نەرسىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىمىزكى، قۇرئان كەرىمنى توغرا چۈشىنىشنىڭ سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىشتىن باشقا يولى يوق.
يۇقىرىدىكى كەلتۈرۈلگەن بىرىنچى مىسالدا، ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملار ئايەتتىكى «زۇلۇم» كەلىمىسىنى زاھىرى مەنىدە چۈشىنىشكەنىدى. ئۇلارنىڭ ئاللاھ رازى بولغان ئىنسانلار ئىكەنلىكىگە ۋە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېيتقىنىدەك، «ئۈممەتنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك كىشىلىرى، قەلىبلىرى ئەڭ تەقۋادار، ئىلمى ئەڭ چوڭقۇر ۋە ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ تەكەللۇپسىز كىشىلەر» ئىكەنلىگە قارىماستىن، بۇ ئايەتنى چۈشىنىشتە خاتالاشقانىدى. ئەگەر، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا بۇ ئايەتنىڭ توغرا تەپسىرىنى بىلدۈرۈپ، ئايەتتىكى «زۇلۇم»نىڭ «شېرىك»نى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئۆگەتمىگەن بولسا، بىزمۇ بۇ ئايەتنى ساھابىلەردەك چۈشەنگەن بولاتتۇق. ئەمما، ئۇنداق بولمىدى. ئاللاھ تەبارەكە ۋەتەئالا رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېتەكلىشى ۋە سۈننىتى ئارقىلىق بىزنى بۇ ئايەتنى خاتا چۈشىنىۋېلىشتىن ساقلاپ قالدى.

ئىككىنچى مىسالدا تىلغا ئېلىنغان ھەدىس بولمىسا ئىدى، بىز ئايەتنىڭ زاھىرىدىن كۆرۈنگىنىدەك، نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇش ئۈچۈن قورقۇنچنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئويلىۋېلىپ، خاتىرجەم زامانلاردا سەپەردە نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇشتا ئىككىلەنگەن بولاتتۇق. ئەگەر، ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملار رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ (خاتىرجەم زامانلاردىمۇ) سەپەردە نامازلارنى قىسقارتىپ ئوقۇغانلىقىنى كۆرمىسە ئىدى، ئۇلارنىڭ بەزىسى «سەپەردە نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇش ئۈچۈن قورقۇنچ شەرت» دەپ ئويلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما، ساھابىلەر (رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خاتىرجەم زامانلاردىمۇ سەپەردە نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇغانلىقىنى كۆرۈپ) خاتىرجەم مەزگىللەردىمۇ نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇدى.

يەنە ئۈچىنچى مىسالدا نەقىل قىلىنغان ھەدىس بولمىغان بولسا، بىزگە ھالال قىلىنغان ئۆلۈك چېكەتكە، ئۆلۈك بېلىق؛ جىگەر ۋە تال (نىڭ قېنى) قاتارلىق پاكىز، ھالال رىزىقلارنى ئۆزىمىزگە ھارام قىلغان بولاتتۇق.

تۆتىنچى مىسالدا تىلغا ئېلىنغان ھەدىس بولمىسا ئىدى، ئاللاھ تەئالا رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تىلى ئارقىلىق بىزگە ھارام قىلغان يىرتقۇچ ھايۋان ۋە پەنجىسى بىلەن ئوۋ ئوۋلايدىغان يىرتقۇچ قۇشلارنى ھالال دەپ يەۋەرگەن بولاتتۇق.

بەشىنچى مىسالدا تىلغا ئېلىنغان ھەدىس بولمىسا ئىدى، ئاللاھ تەئالا رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تىلى ئارقىلىق بىزگە (ئۈممەتنىڭ ئەرلىرىگە) ھارام قىلغان ئالتۇن ۋە يىپەكنى ئۆزىمىزگە ھالال سانىغان بولاتتۇق. ئەنە شۇ ۋەجىدىن، سەلەفتىن بىرى ئېيتقانكى، «سۈننەت، كىتاب (قۇرئان) ئۈستىگە ھۆكۈم قىلىدۇ».

سۈننەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، قۇرئان بىلەن كۇپايىلەنمەكچى بولغانلارنىڭ ئازغۇنلۇقى:
ئادەمنى شۇ قەدەر ئازابلايدىغان ئەھۋال شۇكى، بەزى مۇفەسسىرلەر ۋە يېڭى دەۋر يازغۇچىلىرى نوقۇل قۇرئان كەرىمگە تايىنىپلا، ئاخىرقى ئىككى مىسالدا تىلغا ئېلىنغان يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى، (ئەرلەرنىڭ) ئالتۇن ۋە يىپەك بىلەن زىننەتلىنىشنى مۇباھ دېيىشمەكتە. ئەمدىلىكتە بولسا ئاتالمىش «قۇرئانچى» دېيىلىدىغان بىر گۇرۇپ ئىنسانلار سەھىھ سۈننەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، قۇرئان كەرىمنى ھاۋايى ھەۋىسىگە تايىنىپلا تەپسىر قىلىشماقتا. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە سۈننەت ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشى بويسۇندۇرۇلىدىغان بىر نەرسىدىن ئىبارەت، خالاس. ئەگەر سۈننەت ئۇلارنىڭ قارىشىغا مۇۋاپىق كېلىپ قالسا، سۈننەتنى تۇتىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ قارىشىغا مۇۋاپىق كەلمىسە، ئۇنى دەرھال چۆرۈپ تاشلايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسى گويا شۇلاردىن بېشارەت بەرگەندەكلا. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دەيدۇ: «لا أَلفينَّ أحدكم متكئًا على أريكته يأتيه الأمر من أمري مما أمرت به أو نهيت عنه فيقول: لا ندري، ما وجدنا في كتاب الله اتبعناه» «مەن بىرىڭلارنى مۇنداق ھالەتتە كۆرمەي: ئۇ ياستۇقىغا يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرۇپ، مەن بۇيرۇغان ياكى چەكلىگەن بىر ئىشنى ئاڭلىغاندا: <مەن بۇنى بىلمەيمەن. بىز ئاللاھنىڭ كىتابىدا نېمىنى تاپساق شۇنىڭغا ئەگىشىمىز> دەيدۇ» [تىرمىزىي 2663 – ھەدىس].
بۇ ھەدىسنىڭ (ھاكىم، تىرمىزىي ۋە ئىبن ماجە قاتارلىق) باشقا مۇھەددىسلەر رىۋايەت قىلغان نۇسخىسىدا، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «حرم رسول الله صلى الله عليه وسلم يوم خيبر أشياء، ثم قال: يوشك أحدكم أن يكذبني وهو متكئ يحدث بحديثي فيقول: بيننا وبينكم كتاب الله فما وجدنا فيه من حلال استحللناه وما وجدنا فيه من حرام حرمناه ألا إن ما حرم رسول الله مثل ما حرم الله» «پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر كۈنى بىر ئىشنى ھارام قىلىپ بېكىتتى ۋە ئاندىن مۇنداق دېدى:<بىرىڭلار راھەت ياستۇقىغا يۆلەنگىنىچە مېنى (ھەدىسىمنى) ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلارغا مېنىڭ ھەدىسىم سۆزلەنسە، ئۇلار «ئاللاھنىڭ كىتابى ئارىمىزدا. بىز ئۇنىڭدا ھالال دېيىلگەننى ھالال؛ ئۇنىڭدا ھارام دېيىلگەننى ھارام دەيمىز» دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ھارام قىلغان نەرسـىلەرمۇ ئاللاھ ھـــارام قىلغـــان نەرســـىلەر بىـــلەن ئوخشـــاشتۇر».
ئېچىنىشلىق ھەقىقەت شۇكى، خېلى داڭدار يازغۇچىلاردىن بىرى ئىسلام شەرىئىتى ۋە ئەقىدىسى ھەققىدە بىر كىتاب يېزىپ، كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە «بۇ ئەسىرىمنى يېنىمدا قۇرئان كەرىمدىن باشقا ھېچقانداق كىتاب (مەنبە) يوق ھالەتتە يېزىپ چىقتىم» دېگەن.
يۇقىرىدا مەن تىلغا ئالغان بۇ ھەدىس شۇنى كەسكىن رەۋىشتە كۆرسىتىدۇكى، ئىسلام شەرىئىتى ھەرگىزمۇ قۇرئاندىن ئىبارەت ئەمەس. بەلكى، ئۇ قۇرئان ۋە سۈننەتتۇر. كىمكى بۇ ئىككىسىدىن بىرىنى تاشلاپ يەنە بىرىگە ئېسىلىمەن دېسە، ئەمەلىيەتتە ھېچقايسىغا (يەنى قۇرئانغىمۇ، سۈننەتكىمۇ) ئېسىلمىغان بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىككىلىسى بىزنى يەنە بىرىگە مەھكەم ئېسىلىشقا بۇيرۇغان (يەنە بىز قۇرئاندا سۈننەتكە چىڭ يېپىشىشقا، سۈننەتتە قۇرئانغا چىڭ يېپىشىشقا بۇيرۇلغان، ت). دەرۋەقە، ئاللاھ تەئالا شۇنداق دەيدۇ:
﴿مَنْ يُطِعْ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّهَ وَمَنْ تَوَلَّى فَمَا أَرْسَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظاً
«كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ (چۈنكى پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزىدۇ). كىمكى (ئى مۇھەممەد!) سەندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، (بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى) قىلىپ ئەۋەتمىدۇق» [سۈرە نىسا 80 – ئايەت].
يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تەئالا شۇنداق دېگەن:
﴿فَلا وَرَبِّكَ لا يُؤْمِنُونَ حَتَّى يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ لا يَجِدُوا فِي أَنفُسِهِمْ حَرَجاً مِمَّا قَضَيْتَ وَيُسَلِّمُوا تَسْلِيماً
«(ئى مۇھەممەد!) رەببىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكىمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ » [سۈرە نىسا 65 – ئايەت].
ئاللاھ تەئالا يەنە شۇنداق دېگەن:
﴿وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلا مُؤْمِنَةٍ إِذَا قَضَى اللَّهُ وَرَسُولُهُ أَمْراً أَنْ يَكُونَ لَهُمْ الْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ وَمَنْ يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ ضَلَّ ضَلالاً مُبِيناً
«ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر ـ ئايال مۇئمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ» [سۈرە ئەھزاب 36 – ئايەت].
ئاللاھ تەئالا يەنە شۇنداق دېگەن:
﴿وَمَا آتَاكُمْ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
«پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر» [سۈرە ھەشر 7 – ئايەت].
بۇ ئايەت مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ۋە مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدىغان بىر ۋەقەنى بايان قىلىشنى توغرا تاپتىم:
بىر ئايال ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا «ئاللاھ يۈزىنىڭ تۈكلىرىنى يۇلغان، يۇلدۇرغان، خال چەكتۈرگەن ئاياللارغا لەنەت قىلسۇن، دېگەن سەنمۇ؟» دېدى. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: شۇنداق، دېدى.
ھېلىقى ئايال: مەن قۇرئاننى باشتىن ئاياغ ئوقۇپ چىقتىم، ئۇنىڭدا سەن دېگەن سۆزلەرنى تاپالمىدىم،- دېدى. ئىبنى مەسئۇد: ئەگەر قۇرئاننى تولۇق ئوقۇغان بولساڭ ئۇنى تاپقان بولاتتىڭ. ﴿پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار﴾ دېگەن ئايەتنى ئوقۇمىدىڭمۇ؟- دېدى.
    ئۇ ئايال: ھەئە، ئوقۇدۇم،- دېدى.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ئاللاھ يۈزىنىڭ تۈكلىرىنى يۇلغان ئاياللارغا لەنەت قىلسۇن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، دېدى. بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

قۇرئاننى چۈشىنىشتە ئەرەب تىلىنى بىلىشنىڭلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقى:
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مىساللاردىن شۇ ھەقىقەت ناھايىتى روشەن ئايدىڭلىشىدۇكى، ھېچكىمنىڭ ـــ مەيلى ئۇ ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا ئالىم بولسۇن ـــ رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلماي تۇرۇپ قۇرئان كەرىمنى توغرا چۈشىنەلىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، بۇنداق بىرىنىڭ ئەرەبچىنى رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىدىنمۇ ياخشى بىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ھالبۇكى، ساھابىلەرنىڭ زامانىدا ئەرەبچىگە باشقا تىللارنىڭ تەسىرى سىڭىپ كىرمىگەن ۋە ئەرەبچىمۇ شۇ سەۋەبلىك بۇزۇلمىغان ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، (ئالدىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك) ساھابىلەرمۇ قۇرئان كەرىمدىكى سۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىسىنىلا نەزەردە تۇتقان ۋاقىتتا، ئايەتنى خاتا چۈشىنىۋالغانىدى (يەنى ئايەتتىكى «زۇلۇم» كەلىمىسىنى «شېرىك» دېگەن مەنىدە ئەمەس، لۇغەت مەنىسىدە چۈشەنگەنىدى، ت).
شۇ خۇسۇس ناھايىتى روشەنكى، سۈننەت ھەققىدىكى ئىلمى چوڭقۇر كىشى سۈننەتنى ياخشى بىلمەيدىغان بىرىگە قارىغاندا، قۇرئاننى تېخىمۇ توغرا چۈشىنەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن تېخىمۇ توغرا ھۆكۈم ئالالايدۇ. ئۇنداقتا، (ئاتالمىش «قۇرئانچى»لارغا ئوخشاش) سۈننەتكە ھېچ ئېتىبار بەرمەيدىغانلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھالى قانداق بولار؟ (يەنى بۇ بىچارىلەر قۇرئاننى قانداقمۇ توغرا چۈشىنەلەر؟؟؟ ت).
ئەنە شۇ سەۋەبتىن، قۇرئاننىڭ قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن، ئاندىن ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرى بىلەن تەپسىرلىنىشى ۋە ئىزاھلىنىشى كېرەكلىكى ئىلىم ئەھلى ئىتتىپاققا كەلگەن بىر قائىدىدۇر.
مانا مۇشۇ يەردە كونا – يېڭى كالامچىلارنىڭ ئازغۇن – گۇمراھلىقىنىڭ، فىقھى مەسىلىلەردىلا ئەمەس، ئەقىدە مەسىلىلىرىدىمۇ سەلەف سالىھلارغا قارشى يول تۇتقانلىقىنىڭ سەۋەبى ئايدىڭلىشىدۇ. يەنى، ئۇلارنىڭ ئازغۇنلۇقى، ئۇلارنىڭ سۈننەتتىن ۋە ئۇنى بىلىشتىن ئەڭ يىراق ئىنسانلار ئىكەنلىكى، ئاللاھنىڭ ئىسىم – سۈپىتى ھەققىدىكى ئايەتلەرنى ۋە باشقا ئايەتلەرنى چۈشىنىشتە ئەقلىنى، ھاۋايى ھەۋىسىنى ئۆزىگە ھاكىم قىلىۋالغانلىقى سەۋەبلىكتۇر. بۇ خۇسۇستا، ئىبنى ئەبىلئىز رەھىمەھۇللاھ «ئەقىدە تاھاۋى شەرھى» (4 – باسما، 212 – بەت)دە تىلغا ئالغان تۆۋەندىكى قۇرلار نېمە دېگەن گۈزەل:
«ئىسلامنى قۇرئان – سۈننەتتىن ئەمەس، پەقەتلا پالانى – پوكۇنىلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئۆگەنگەنلەر قانداقسىگە (تەپتارتماي) دىننىڭ ئۇل ئاساسلىرى ھەققىدە سۆز قىلالايدۇ؟ ئۇلار دىننى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ئالغانلىقىنى دەۋا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاللاھنىڭ كىتابىنى رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى بىلەن تەپسىر قىلىشمايدۇ. تەلەپچان ئىماملىرىمىز مىڭبىر جاپادا سەھىھ راۋىيلارنى تاللاپ چىقىپ شۇلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلسا، بۇلار يا رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىگە، يا ساھابىلەرنىڭ ۋە ئۇلارغا مەھكەم ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (يەنى ساھابە باشلىق سەلەف سالىھلار) كېيىنكىلەرگە يالغۇز قۇرئاننىڭ ئوقۇلىشىنىلا قالدۇرمىدى. ئەكسىچە، قۇرئاننىڭ ھەم ئوقۇلۇشىنى، ھەم مەنىسىنى ئۆگەتتى. ئۇلار قۇرئاننى بالىلارغا ئوخشاش (قارىغۇلارچە يادلاپ) ئەمەس، بەلكى مەنىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆگىنەتتى.
كىمكى ئۇلارنىڭ (يەنى ساھابە باشلىق سەلەف سالىھلار) يولىدا ماڭمىغان بولسا، چوقۇم ئۆزىنىڭ ھاۋايى ھەۋىسى بىلەن سۆزلەيدۇ دېگەن گەپ. شۇنداقلا، كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىغا مۇراجىئەت قىلماي تۇرۇپ، ئۆزى «ئاللاھنىڭ دىنى» دەپ قارىۋالغان نەرسىلەرنى سۆزلىسە، توغرىنى تاپقان تەقدىردىمۇ گۇناھكار بولىدۇ. كىمكى دىننى قۇرئان – سۈننەتتىن ئۆگەنسە، بىرەر خۇسۇستا خاتالاشقان تەقدىردىمۇ ئەجىر ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ئەگەر توغرىنى تاپسا قوش ئەجىر ئالىدۇ».
ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىبنى ئەبىلئىز رەھىمەھۇللاھ (217 – بەت) يەنە شۇنداق دەيدۇ:
«رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تولۇق بىر تەسلىمىيەت بىلەن تەسلىم بولۇش، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويۇن ئېگىش، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كەلگەن خەۋەرلەرنى «ماۋۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن (ئاۋۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس)» دېگەن شەكىلدە باتىل تەسەۋۋۇرلار بىلەن رەت قىلماي، تەستىقلاش ۋە قوبۇل قىلىش ۋاجىبتۇر. شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كەلگەن بۇ خەۋەرلەردە «شەك – شۈبھە» بار دەپ جۆيلۈمەسلىك، پالانى – پوكۇنىنىڭ قاراشلىرىنى ۋە ئەخلەت ئىدىيەلىرىنى ھەدىسنىڭ ئالدىغا قويۇۋالماي، ھەدىسنى تەستىقلاش ۋە قوبۇل قىلىش ۋاجىبتۇر».
خۇلاسە، قۇرئان ۋە سۈننەتكە تەڭ مۇراجىئەت قىلىپ، شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرىنى ھەر ئىككىسىنىڭ ئۈستىگە بەرپا قىلىش ۋە قۇرئان – سۈننەتنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەسلىك پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا ۋاجىبتۇر. شۈبھىسىزكى، بۇ ئۇلارنىڭ تەۋرىنىپ قالماسلىقىنىڭ ۋە ئازغۇنلىشىپ دىنىدىن يېنىپ كەتمەسلىكىنىڭ كاپالىتىدۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنى ئوچۇق بايان قىلىپ شۇنداق دېگەن: «سىلەرگە ئىككى نەرسە قالدۇردۇم. بۇلارغا چىڭ يېپىشقان مۇددەتتە ھەرگىز ئازمايسىلەر. بۇلار ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە مېنىڭ سۈننىتىمدۇر. ئۇ ئىككىسى ھەۋزى كەۋسەرنىڭ بېشىغىچە بىر – بىرىدىن قەتئىي ئايرىلمايدۇ» بۇ ھەدىسنى ئىمام مالىك مۇنقەتى شەكىلدە، ئىمام ھاكىم مەۋسۇل شەكىلدە ھەسەن سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان.

مۇھىم ئاگاھلاندۇرۇش:
ئەلۋەتتە، ئىسلام شەرىئىتىدە بۇ قەدەر مۇھىم ئورۇن تۇتقان سۈننەت ھەرگىزمۇ تۈرلۈك فىقھى، تەپسىر، تەرغىب – تەنبىھ ۋە باشقا تۈردىكى كىتابلاردا ئۇچرايدىغان ھەدىس ئاتالغانلىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەس، بەلكى رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئىلمىي يوللار بىلەن، مۇھەددىس ۋە راۋى باھالىغۇچى ئالىملارغا تونۇشلۇق سەھىھ سەنەدلەر ئارقىلىق رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەردۇر. چۈنكى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۈرلەردىكى نۇرغۇن كىتابلاردا زەئىپ، مۇنكەر، توقۇلما ھەدىسلەر، ھەتتا ئىسلام بىلەن زەررىچە ئالاقىسى يوق ھارۇت – مارۇت ھەدىسى؛ غەرانىق (شەيتاننىڭ سۆزلىرىنىڭ ئايەتكە ئارىلىشىپ كېتىشى) قىسسىسىگە ئوخشاش (ئەپقاچتى) رىۋايەتلەر بار. بولۇپمۇ، مۇشۇ غەرانىق رىۋايىتىنىڭ باتىللىقى ھەققىدە مېنىڭ نەشر قىلىنغان بىر رىسالەم بار. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ خىل (زەئىپ – يالغان) رىۋايەتلەرنىڭ نۇرغۇنىنى «سلسلة الأحاديث الضعيفة والموضوعة وأثرها السيئ في الأمة» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىمدە تەخرىج قىلدىم. ھازىرغا قەدەر، پەقەت 500ى ئېلان قىلىنغان بۇ زەئىپ ۋە توقۇلما رىۋايەتلەرنىڭ سانى تەخمىنەن 4000 غا بېرىپ قالدى.
ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ھۆكۈم ۋە پەتىۋالىرى كىشىلەر ئارىسىدا تارقالغانلارنىڭ ھەدىسنىڭ سەھىھ – زەئىپلىكىنى تەكشۈرمەي تۇرۇپ دەلىل سۈپىتىدە قوللانماسلىقى ۋاجىبتۇر. چۈنكى، ئىلىم ئەھلىگىمۇ ئايان بولغىنىدەك، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا فىقھى كىتابلىرىدا نۇرغۇن ئاساسسىز ۋاھى (پەقۇلئاددە زەئىپ) ۋە مۇنكەر ھەدىسلەر ئۇچرايدۇ.
«الأحاديث الضعيفة والموضوعة في أمهات الكتب الفقهية» (ئاساسىي فىقھى كىتابلىرىدىكى زەئىپ ۋە ئويدۇرما ھەدىسلەر) دەپ ئىسىم قويغان ۋە ئۆزۈمنىڭ نەزىرىدە پەۋقۇلئاددە مۇھىم بولغان، شۇنداقلا فىقھى بىلەن مەشغۇل بولغۇچىلار ئۈچۈن ناھايىتى مەنپەئەتلىك بولغان بىر كىتاب يېزىشنى باشلىغانىدىم. بۇ ماۋزۇدىكى «أمهات الكتب الفقهية» (ئاساسىي فىقھى كىتابلىرى)دىن تۆۋەندىكى كىتابلارنى نەزەردە تۇتقانىدىم:
l          «ئەلھىدايە» ـــ مەرغىنانىنىڭ ھەنەفىي فىقھى كىتابى.
l          «ئەلمۇدەۋۋەنە» ـــ ئىبنۇل قاسىمنىڭ مالىكىي فىقھىغا ئالاقىدار كىتابى.
l          «شەرھۇل ۋەجىز» ـــ رافىئىنىڭ شافىئىي فىقھى كىتابى.
l          «ئەلمۇغنى» ـــ ئىبنى قۇدامەنىڭ ھەنبەلى فىقھى كىتابى.
l          «بىدايەتۇل مۇجتەھىد» ـــ ئىبن رۇشد ئەندەلۇسىنىڭ سېلىشتۇرما فىقھىغا ئالاقىدار كىتابى.
ئەمما، مىڭلارچە ئەپسۇس، بۇ كىتابنى تاماملاش ماڭا نېسىپ بولمىدى. چۈنكى، كۇۋەيتتىكى «ئەلۋايۇل ئىسلامىي» ژۇرنىلى دەسلەپتە بۇ كىتابنى تۈزمەكچى بولغانلىقىمنى ئاڭلاپ ناھايىتى قىزغىن ئىنكاس بىلدۈرگەن ۋە ئۇنى نەشر قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئەمما، كىتابنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپلا يالتىيىۋالدى.
بۇ پۇرسەت قولۇمدىن كەتتى. ئاللاھ تەئالا خالىسا، يەنە پۇرسەت تېپىپ، فىقھى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان قېرىنداشلىرىمغا ياردىمى تېگىدىغان ئىلمىي، ئىنچىكە مېتود بىلەن، چوقۇم مۇراجىئەت قىلىنىشى كېرەك بولغان ھەدىس كىتابلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەدىسنىڭ (سەھىھ – زەئىپلىك) دەرىجىسىنى بىلىشنى ئۇلارغا قولايلاشتۇرىدىغان؛ شۇ مەنبەلەرنىڭ (مۆتىۋەر ھەدىس كىتابلىرىنىڭ) ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋە ئەھمىيەت بەرگەن مۇھىم نۇقتىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان بىر كىتاب تۈزۈپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولالىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.

مۇئاز رەزىياللاھۇ ئەنھۇغا نىسبەت بېرىلگەن رەي (شەخسىي كۆز قاراش) توغرىسىدىكى ھەدىسنىڭ زەئىپلىكى ۋە مۇنكەرلىكى
بۇ نەسىھىتىمنى تۈگىتىشنىڭ ئالدىدا، كىشىلەر ئارىسىدا مەشھۇر بولغان بىر ھەدىسنى بۇ يەرگە ھازىر بولغان قېرىنداشلىرىمنىڭ سەمىگە سالماقچىمەن. بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىنىڭ زەئىپلىكىگە، شۇنداقلا مەزمۇنىنىڭ مەزكۇر لېكسىيەدە قەيت قىلىنغان «قۇرئان بىلەن ھەدىسنى ئايرىۋېتىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكى» ۋە «قۇرئان – سۈننەتنى تەڭ نەزەردە تۇتۇشنىڭ ۋاجىبلىقى»غا زىت بولۇشىغا قارىماستىن، بۇ ھەدىسنى نەقىل قىلمىغان ئۇسۇلى فىقھى كىتابلىرى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. بۇ رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتىدىغان چاغدا بولۇنغان دىيالوگ مەزمۇن قىلىنغان ھەدىستۇر:
رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «ساڭا بىر مەسىلە ئۇچرىسا، نېمە بىلەن ھۆكۈم قىلىسەن؟» دەپ سورايدۇ.
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن، دەيدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئەگەر (ئۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىنى) ئاللاھنىڭ كىتابىدىن تاپالمىساڭچۇ؟» دەيدۇ.
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى بىلەن، دەيدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئەگەر سۈننەتتىنمۇ تاپالمىساڭچۇ؟» دەيدۇ.
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: رەيىم (كۆز قارىشىم) بىلەن ئىجتىھاد قىلىمەن ۋە قولۇمدىن كەلگىنىنى قىلىمەن، دەيدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەلچىسىنى رەسۇلۇللاھ خۇش بولىدىغان ئىشقا مۇۋەپپەق قىلغان ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن» دەيدۇ.
بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنىڭ زەئىپلىكىگە كەلسەك، بۇنى بۇ يەردە تولۇق بايان قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما، بۇ ھەدىسنىڭ زەئىپلىكىنى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان «سلسلة الأحاديث الضعيفة والموضوعة وأثرها السيئ في الأمة» دېگەن كىتابىمدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە، تولۇق، قانائەتلىنەرلىك ئىزاھلىدىم. مەزكۇر سورۇندا بۇلارنى تولۇق بايان قىلىشقا ئىمكانىيەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەدىس ساھەسىنىڭ «ئەمرۇل مۇئمىنۇن»ى بولغان ئىمام بۇخارى رەھمەتۇللاھ ئەلەيھىنىڭ بۇ رىۋايەت ھەققىدىكى «بۇ ھەدىس مۇنكەردۇر» دېگەن سۆزى بىلەن كۇپايىلىنىمەن.
ئاندىن، بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ رىۋايەت ھۆكۈم چىقىرىش خۇسۇسىدا، مۇجتەھىد ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك باسقۇچلۇق مېتودنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ خىل مېتودقا كۆرە، (1) مۇجتەھىد بىر مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى قۇرئاندىن تاپالمىسا ئاندىن سۈننەتتىن تېپىپ ھۆكۈم قىلسا بولىدۇ (2) ئەگەر مەسىلىنىڭ ھۆكۈمىنى سۈننەتتىنمۇ تاپالمىسا ئاندىن ئۆزى ئىجتىھاد قىلسا بولىدۇ.
پۈتۈن ئالىملارنىڭ نەزىرىدە يۇقىرىقى ئىككىنچى نۇقتا (يەنى قۇرئان – سۈننەتتىن ھۆكمى تېپىلمىغان مەسىلىلەردە، ئىجتىھاد قىلىشقا بولىدىغانلىقى) توغرا. ئۇلار «ئەسەر كەلگەن ھامان رەي باتىل بولىدۇ» دېيىشىدۇ.
ئەمما، يۇقىرىدىكى بىرىنچى نۇقتا، يەنى بىر مەسىلىنىڭ ھۆكمى قۇرئاندىن تېپىلمىسا، ئاندىن سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىش ئۇسۇلى خاتا. چۈنكى، سۈننەت ئاللاھنىڭ كىتابى ئۈستىدە ھۆكۈم قىلىدۇ، ئۇنى ئىزاھلايدۇ. بىز مەزكۇر لېكسىيەنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مىساللاردا كۆرسىتىلگىنىدەك، مۇجتەھىد بىر مەسىلىنىڭ ھۆكمىنىڭ قۇرئاندا بارلىقىنى بىلسىمۇ، سۈننەتتىكى شۇنىڭغا ئالاقىدار ھۆكۈملەرنى ئىزدىشى ۋاجىبتۇر. سۈننەتنىڭ قۇرئاننىڭ يېنىدىكى ئورنى ھەرگىزمۇ رەي (كۆز قاراش)نىڭ سۈننەتنىڭ يېنىدىكى ئورنىغا ئوخشىمايدۇ. ئەكسىچە، قۇرئان – سۈننەتنىڭ ئارىسىنى ئايرىماي، بۇ ئىككىسىگە ئوخشاش بىر مەنبە سۈپىتىدە ئېتىبار بېرىش ۋاجىب. ھەقىقەتەن، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى بۇنىڭغا ئىشارەتتۇر «شۇنى ياخشى بىلىڭلاركى، ماڭا قۇرئان ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشى بېرىلدى». بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى سۈننەتتۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئېيتقىنىدەك «ئۇ ئىككىسى ھەۋزى كەۋسەرنىڭ يېنىغىچە بىر – بىرىدىن ئەسلا ئايرىلمايدۇ». شۇنداق بولغانىكەن، قۇرئان بىلەن سۈننەتنى بۇ شەكىلدە تەبىقىلەش (يەنى قۇرئاندىن دەلىل تېپىلمىسا، ئاندىن سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىمىز دېيىش) توغرا ئەمەس. چۈنكى، بۇ خىل تەبىقىلەش قۇرئان بىلەن سۈننەتنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىشنى تەقەززا قىلىدۇ، بۇ لېكسىيەنىڭ ئالدىدىكى بۆلەكلىرىدە قەيت قىلىنغان مەزمۇنلارغا كۆرە باتىلدۇر.
مانا مۇشۇلار مەن كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە سالماقچى بولغان ئىشلار ئىدى. ئەگەر ھەقنى سۆزلىگەن بولسام، بۇ ئاللاھنىڭ لۇتفىدۇر. ئەگەر خاتالاشقان بولسام، بۇ ئۆزۈمدىكى مەسىلىدۇر.
ئاللاھ تەئالانىڭ مېنى ۋە سىلەرنى خاتالىقلاردىن ۋە ئۆزى رازى بولمايدىغان پۈتۈن ئىشلاردىن ساقلىشىنى تىلەيمەن.
دۇئايىمىزنىڭ ئاخىرى «بارچە ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر».

مەزكۇر رىسالىنى «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
بىلوگىمىز تەييارلىغان تېخىمۇ سەرخىل دىنىي ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى تور ئادرېسلىرىنى زىيارەت قىلىڭ ۋە ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن يېقىنلىرىڭىزغا تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ.

uyislam.blogspot.com





[1]  ئەرەبچىدىكى «قول» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «اليد» كەلىمىسى قول بارماقلىرىنىڭ ئۇچىدىن مۈرىگىچە بولغان ئەزانىڭ ئىسمىدۇر. ئەمما، بۇ مۇتلەق ئىپادە سۈننەتتە كونكرېنلاشتۇرۇلۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوغرىنىڭ قولىنى (مۈرىسىدىن ئەمەس) بېغىشتىن كەسكەن.
مائىدە سۈرىسىنىڭ ئالتىنچى ئايىتىدە تىلغان ئېلىنغان «قول» ئەسلىدە بارماقنىڭ ئۇچىدىن جەينەككىچە بولغان ئارىلىقنى بىلدۈرىدىغان ئىبارىدۇر. ئەمما، ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىياللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا تەيەممۇم قىلىشنى ئۆگىتىپ، تەيەممۇ ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان «قول»نىڭ قولنىڭ بېغىشقىچە بولغان قىسمى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ـــ تۈركچىگە تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئىزاھاتى
[2]  يەنى «بۇ كىمنىڭمۇ قولىدىن كەلسۇن؟» دېگەن مەنىدە

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟