«سەھىھۇلجامى»دىكى جازانە - ئۆسۈمگە ئالاقىدار بەزى ھەدىسلەر
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
5. ئىبنى مەسئۇد رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جازانە
- ئۆسۈم يېگۈچى، ئۇنىڭغا ۋەكىل بولغۇچى ۋە بىلىپ تۇرۇپ گۇۋاھچى بولغۇچى؛ گۈزەللىك
ئۈچۈن مەڭ ئويغۇچى، ئويدۇرغۇچى؛ زاكاتنى كېچىكتۈرگۈچى؛ ھىجرەتتىن كېيىن، ئەئرابى
ھالدا مۇرتەد بولۇپ دىندىن قايتقۇچى قىيامەت كۈنى مۇھەممەد (سەللاللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم)نىڭ تىلىدا لەنەت قىلىنىدۇ». ئىمام نەسەئى ۋە باشقىلار توپلىغان، سەھىھ.
144. ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھالاك قىلغۇچى يەتتە تۈرلۈك گۇناھتىن يىراق تۇرۇڭلار!
(ئۇلار): (1) ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش (2) سېھىرگەرلىك (3) ئاللاھ ھارام قىلغان جاننى
ناھەق ئۆلتۈرۈش (4) جازانە - ئۆسۈم يېيىش (5) يېتىمنىڭ مېلىنى يېۋىلىش (6) جەڭ كۈنى
جەڭدىن قېچىش (7) مۆمىن، (ھېچ يامانلىقتىن) خەۋىرى يوق ئىپپەتلىك ئايالغا بۆھتان چاپلاش».
ئىمام نەسەئى، ئىمام ئەبۇداۋۇد، ئىمام بەيھەقىلەر توپلىغان، سەھىھ.
679. ئىبنى
ئابباس رەزىياللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىرەر شەھەر - يېزىدا زىنا بىلەن جازانە (ئۆسۈم) ئاشكارا بولسا،
جەزمەن ئۇلار ئاللاھنىڭ ئازابىنى ئۆزلىرىگە ھالال قىلىۋالىدۇ» (يەنى ئۇلار ئاللاھنىڭ
ئازابىغا لايىق بولىدۇ) ئىمام تەبرانى، ئىمام ھاكىم توپلىغان، سەھىھ.
1531.
ئابدۇللاھ ئىبنى سالام رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ
سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن جازانە - ئۆسۈمنىڭ ئىشىكلىرى
يەتمىش ئىككى گۇناھى كەبىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ تۆۋىنى ئىسلامدا (يەنى مۇسۇلمان
بولۇپ) تۇرۇپ ئانىسىغا چېقىلغانغا (يەنى ئانىسى بىلەن زىنا قىلغانغا) ئوخشاشتۇر». ئىمام تەبرانى توپلىغان،
ئىمام ئەلبانى سەھىھ دېگەن.
2531. ئەبۇھۇرەيرە
رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
مۇنداق دېگەن: «جازانە (ئۆسۈم) قىلىشنىڭ ئەڭ يېنىك جىنايىتى ئۆز ئانىسىنى ئەمرىگە ئالغانغا ئوخشاش؛ ھەقىقەتەن ئەڭ چوڭ جازانە (ئۆسۈم) بولسا مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ مېلىغا،
يۈز ئابرويىغا ھەقسىز تاجاۋۇز قىلىشتۇر» ئەبۇ شەيخ توپلىغان، ھەسەن.
2751. ئەبۇسەئىد
رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
مۇنداق دېگەن: «جازانە (ئۆسۈم)دە ئالغۇچى ۋە بەرگۈچى ھەرئىككىسى ئوخشاشتۇر» (ئوخشاشلا گۇناھكاردۇر). ئىمام ھاكىم، ئىمام دارىقۇتنى توپلىغان، سەھىھ.
3019. ئەبۇھۇرەيرە
رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
مۇنداق دېگەن: «خورمىنى خورمىغا، بۇغداينى بۇغدايغا، ئارپىنى ئارپىغا، تۇزنى تۇزغا،
تەڭ مىقداردا قولدىن قولغا ئالماشتۇرۇش جازانە بولمايدۇ. ئەمما، كىم ئارتۇق بەرسە،
ئارتۇق ئالسا، جەزمەن جازانە (ئۆسۈم) قىلغان بولىدۇ. لېكىن ئوخشمىغان تۈرلەر (نى
خالىغان مىقداردا ئالماشتۇرۇش)دە چاتاق يوق» (يەنى خورمىنى ئارپىغا، بۇغداينى
خورمىغا خالىغان مىقدارغا تېگىشىشكە بولىدۇ، بۇ جازانە بولمايدۇ) سەھىھۇل مۇسلىم 2972
- ھەدىس، نەسەئى 1491 - ھەدىس، ئىبنى ماجە 2246 - ھەدىس، سەھىھ.
3375. ئابدۇللاھ
ئىبنى ھەنزەلە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشى بىلىپ تۇرۇپ يېگەن بىر دىرھەم جازانە
(ئۆسۈم) ئاللاھنىڭ نەزىرىدە 36 قېتىم زىنا قىلغاندىنمۇ ياماندۇر». ئىمام ئەھمەد،
ئىمام تەبرانى توپلىغان، سەھىھ.
4605. ئۇمەير
رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
مۇنداق دېگەن: «گۇناھى كەبىرىلەر توققۇزدۇر، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرى (1) ئاللاھقا شېرىك
كەلتۈرۈش (2) ناھەق ھالدا بىگۇناھ كىشىنى ئۆلتۈرۈش (3) جازانە (ئۆسۈم) يېيىش (4)
يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋېلىش (5) ئىپپەتلىك ئايالغا بۆھتان چاپلاش (6) جەڭ كۈنى ئۇرۇشتىن
قېچىش (7) (گۇناھ بولمايدىغان ئىشلاردا) ئاتا - ئانىغا ئىتائەتسىزلىك قىلىش (8) ھاياتىڭلاردا
- ماماتىڭلاردا قىبلەڭلار بولغان بەيتۇللاھ ــ مەسچىدى ھەرەمنى (يەنى ھەرەمدە ئۇرۇش
قىلىشنى ۋە باشقا جەھەتلەردە ھەرەمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلماسلىقنى) ھالال ساناش. ئىمام ئەبۇداۋۇد،
ئىمام نەسەئى توپلىغان، ھەسەن.
5089. ئىبنى
مەسئۇد رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا جازانە (ئۆسۈم) يېگۈچىگە، ۋەكىل بولغۇچىغا،
گۇۋاھچىغا ۋە (شۇ جازانە مۇئامىلىسىنى) خاتىرىلىگۈچىگە لەنەت قىلدى» ئىمام ئەھمەد،
ئىمام ئەبۇداۋۇد، ئىمام تىرمىزى، ئىمام ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.